سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 500 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن قولغا ئېلىندى
ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىستى نوئېم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ %70 ىنىڭ جىنايى قىلمىش خاتىرىسى بارلىقىنى ياكى بىر جىنايەت بىلەن ئەزەلدىن تارتىپ ئىزدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكادا مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 500 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن قولغا ئېلىندى
ئامېرىكادا مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 500 مىڭ قانۇنسىز كۆچمەن قولغا ئېلىندى / Reuters Archive

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىستى نوئېم پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان دۆلەت مىقياسىدا 480 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

نوئېم دۈشەنبە كۈنى فىلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 480 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز جىنايەتچى كۆچمەننى قولغا ئالدى. ئۇلارنىڭ %70 ى جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ياكى بۇ جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.

دۆلەت مىقياسىدا، جەمئىيەتلەرنى تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرۈۋاتىمىز، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەر پاراۋانلىق ئىچىدە خاتىرجەم  ياشىيالايدۇ ۋە بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ كاپالىتى بولغان ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.»

ئالدىنقى ئايدا، مىنىستىرلىق 20 – يانۋاردىن بۇيان 2 مىليون قانۇنسىز كۆچمەننىڭ ئامېرىكادىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇلاردىن تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭى ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ئۆز ئىرادىسى بىلەن دۆلەتتىن ئايرىلغان، 400 مىڭى بولسا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

 «رېكورت»

 يەنە بىر تەرەپتىن، دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان «رېكورت ياراتقان» قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ماختاپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ زوراۋانلىق جىنايەتلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە بالىلارنى قوغداش خىزمەتلىرىگە ئائىت يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىنى مىسال كەلتۈردى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ھۆكۈمىتىم دەۋرىدە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. 20 – يانۋاردىن بۇيان 28 مىڭدىن ئارتۇق زوراۋان جىنايەتچى قولغا ئېلىندى (رېكورت!). 6 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز قورال - ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى، 1700 دىن ئارتۇق بالىلارنى خورلاش شايكىلىرى ۋە 300 ئادەم ئەتكەسچىسى كوچىلاردىن تازىلاندى.»

ترامپ يەنە 5000 بالىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ 1900 كىلوگىرام فېنتانىم (زەھەرلىك چېكىملىك ماددىسى) نى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ «125 مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە يېتەرلىك مىقدار» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئامېرىكاغا قانۇن ۋە تەرتىپنى قايتۇرۇپ كېلىمىز. كاش، دان، ئاندىرىيو ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى بارلىق ئەر - ئايال خىزمەتچى خادىملار ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بىز ئامېرىكانى قايتىدىن بىخەتەر قىلىمىز!»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك