سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى «فۇجىيەن» تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مىلياردلىغان دوللار مەبلەغ سالدى. خىتاي بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ تىنچلىقنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى «فۇجىيەن» تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
/ AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى

لېكىن بېيجىڭنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى شەرقىي ئاسىيادىكى بەزى ھۆكۈمەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جۈمە كۈنى «فۇجىيەن» ناملىق ئۈچىنچى ۋە ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسىنىڭ سەزگۈر تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا «ئىلمىي تەتقىقات سىناقلىرى ۋە مەشىق ۋەزىپىلىرى» نى ئىجرا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا رايون ھالقىغان سىناقلارنىڭ «ئاۋىياماتكىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنىڭ نورمال بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى لېڭ گۇۋېي بۇنىڭ «ھەرقانداق ئالاھىدە نىشانغا قارىتىلمىغانلىقىنى» ئېلان قىلدى.

بىراق، سىنگاپوردىكى س. راجاراتنام خەلقئارا تەتقىقات مەكتىپىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى كوللىن كوخ فۇجىيەننىڭ سەزگۈر تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنىڭ «خىتاينىڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى دېڭىزدا زور كۈچ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشنى» نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، خىتاينىڭ يېڭى ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش ۋە رەقىبلىرىگە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا سىگنال بېرىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەتتۇر.»

خىتاينىڭ يەنە بۇ يۆنىلىشتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «لىياۋنىڭ» ۋە «شەندۇڭ» ناملىق ئىككى ئاۋىياماتكىسىمۇ بار؛ فۇجىيەن بولسا نۆۋەتتە دېڭىزدا سىناقلارنى ئېلىپ بارماقتا.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى «ئورتاق ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى ۋە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى» جاكارلىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، خىتايغا ئائىت ئۈچ ھەربىي پاراخوتنىڭ خىتايدا دىياۋيۈ ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ تەخمىنەن 200 كىلومېتىر شىمالىي غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ <فۇجىيەن> ناملىق ئاۋىياماتكىسى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۆزىنى قوغداش قىسمى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دەلىللەندى.»

ياپونىيە 7 – ئايدا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە «ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى» ئېلان قىلغان، ئالدىنقى 8 – ئايدا خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تۇنجى قېتىم كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي جۈمە كۈنى بىر دېڭىز قىرغىقى بىخەتەرلىك فىلوتىنىڭ «دىياۋيۈ ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى» بىلدۈردى.

 خىتاي تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە

 

خىتاي ھەربىي ئىشلار ئانالىزچىسى سۇڭ جۇڭپىڭنىڭ قارىشىچە، باشقا دېڭىزلارغا قارىغاندا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەن، يەنى فۇجىيەن ئۈچۈن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا سىناقلارنى ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەن.

سۇڭ جۇڭپىڭ فىرانسىيەنىڭ AFP ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، فۇجىيەننىڭ دېڭىز سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، قوشۇمچە ماسلىشىش مەشىقلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەلكىم ئاكتىپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان لىياۋنىڭ، خىتاينىڭ ئەڭ كونا ئاۋىياماتكىسى بولۇپ، 2012-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن، شەندۇڭ بولسا 2019-يىلى پائالىيەت باشلىغان ئىدى.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان CSIS تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئانالىزچىلىرى فۇجىيەننىڭ تېخىمۇ ئىلغار قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇرۇلۇشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تېخىمۇ ئېغىر يۈكلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ يېقىلغۇ ئېلىپ ماڭىدىغان ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تىنچ ئوكياندا تەسىر كۈچىنى زورايتىش ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاققا خىرىس قىلىش مەقسىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12 – ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ سان جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، 370 تىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ 6 – ئايدا لىياۋنىڭ ۋە شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسى گۇرۇپپىلىرىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندا مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق قوشنىلارنى ئەندىشىگە سالدى.

تەيۋەنلىك بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارىمۇ 6 – ئايدا بېيجىڭنىڭ 5 – ئايدا ئارالنىڭ ئەتراپىغا ئىككى ئاۋىياماتكا گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى «خىتاينىڭ زېمىنى» دەپ قارايدىغان، بىراق ئەمەلىيەتتە ئاپتونومىيەلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇۋاتقان تەيۋەننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلمايۋاتماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - تەيۋەن خىتايغا قارشى تەييارلىقىنى كۈچەيتمەكتە

ئىزدىنىڭ
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى
ئىران: «ئامېرىكا سىرىلانكا قىرغاقلىرىدا زەربە بەرگەن كېمىدە 104 ئەسكەر ئۆلدى»
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى