خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئومان دېڭىزىدا تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېڭىز بىرلەشمە ئارمىيەسى خرۇستال مېتامفېتامىن ۋە كوكايىن توشۇۋاتقان، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بايرىقى ئېسىلمىغان دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقسىز ئىككى پاراخوتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئومان دېڭىزىدا تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى
پاكىستان: ئومان دېڭىزىدا تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى / Reuters Archive

ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى (CMF) پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئومان دېڭىزىدا قىممىتى 972 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ناھايىتى زور مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ «ئەل مەسمەك»  بىرلەشمە ھەرىكىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى 150-نومۇرلۇق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (CTF) قارمىقىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «يەرمۇك» ناملىق ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «‹يەرمۇك› ناملىق ھەربىي پاراخوت 48 سائەت ئىچىدە ئىككى ‹دوۋ› (ئەنئەنىۋى ئەرەب يەلكەنلىك كېمىسى) گە چىقىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇ كېمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى (AIS) ئارقىلىق سىگنال بەرمىگەن بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەت ياكى شىركەتنىڭ بەلگىسى ئېسىلمىغان  دۆلەت تەۋەلىكىسىز كېمىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.»

كېمە خادىملىرى 18-ئۆكتەبىر تۇنجى يەلكەنلىك كېمىگە چىقىپ، بازار قىممىتى تەخمىنەن 822.4 مىليون دوللارغا يېتىدىغان ئىككى توننىدىن ئارتۇق خرۇستال مېتامفېتامىن (ICE) نى قولغا چۈشۈردى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتىن كېيىن، قىممىتى 140 مىليون دوللارلىق 350 كىلوگىرام خرۇستال مېتامفېتامىن (ICE) ۋە قىممىتى 10 مىليون دوللارلىق 50 كىلوگىرام كوكايىن قاچىلانغان يەنە بىر «دوۋ» كېمىسى توختىتىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.

قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەر تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈپ يوقىتىلدى.

بىراق، ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەرىكەتنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى.

150-نومۇرلۇق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (CTF) نىڭ قوماندانى، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىدىن قوماندان فەھد ئەلجۇۋەيد: «بۇ نىشانلىق ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپ مىللەتلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «‹يەرمۇك› ناملىق ھەربىي پاراخوت ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى بىۋاسىتە تەشكىلاتىمىزدىكى دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ مول تەجرىبىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

16-ئۆكتەبىر باشلانغان «ئەل مەسمەك» ھەرىكىتىنى پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيەلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بارماقتا.

47 شېرىك دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى خەلقئارالىق قائىدىلەرگە ئاساسلانغان دېڭىز تەرتىپىنى قوغداشقا ۋە 3.2 مىليون كۋادرات مىل كېلىدىغان ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز يوللىرىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

ئىزدىنىڭ
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزدىن ئىرانغا تەھدىت سالدى