پاكىستان ئومان دېڭىزىدا تەخمىنەن بىر مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈردى
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېڭىز بىرلەشمە ئارمىيەسى خرۇستال مېتامفېتامىن ۋە كوكايىن توشۇۋاتقان، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بايرىقى ئېسىلمىغان دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىقسىز ئىككى پاراخوتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى (CMF) پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئومان دېڭىزىدا قىممىتى 972 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ناھايىتى زور مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ «ئەل مەسمەك» بىرلەشمە ھەرىكىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى 150-نومۇرلۇق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (CTF) قارمىقىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «يەرمۇك» ناملىق ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «‹يەرمۇك› ناملىق ھەربىي پاراخوت 48 سائەت ئىچىدە ئىككى ‹دوۋ› (ئەنئەنىۋى ئەرەب يەلكەنلىك كېمىسى) گە چىقىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇ كېمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى (AIS) ئارقىلىق سىگنال بەرمىگەن بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەت ياكى شىركەتنىڭ بەلگىسى ئېسىلمىغان دۆلەت تەۋەلىكىسىز كېمىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.»
كېمە خادىملىرى 18-ئۆكتەبىر تۇنجى يەلكەنلىك كېمىگە چىقىپ، بازار قىممىتى تەخمىنەن 822.4 مىليون دوللارغا يېتىدىغان ئىككى توننىدىن ئارتۇق خرۇستال مېتامفېتامىن (ICE) نى قولغا چۈشۈردى. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتىن كېيىن، قىممىتى 140 مىليون دوللارلىق 350 كىلوگىرام خرۇستال مېتامفېتامىن (ICE) ۋە قىممىتى 10 مىليون دوللارلىق 50 كىلوگىرام كوكايىن قاچىلانغان يەنە بىر «دوۋ» كېمىسى توختىتىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.
قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەر تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈپ يوقىتىلدى.
بىراق، ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەرىكەتنىڭ قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى.
150-نومۇرلۇق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى (CTF) نىڭ قوماندانى، سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىدىن قوماندان فەھد ئەلجۇۋەيد: «بۇ نىشانلىق ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆپ مىللەتلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە: «‹يەرمۇك› ناملىق ھەربىي پاراخوت ئامېرىكا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى بىۋاسىتە تەشكىلاتىمىزدىكى دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ مول تەجرىبىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
16-ئۆكتەبىر باشلانغان «ئەل مەسمەك» ھەرىكىتىنى پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيەلىرى ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بارماقتا.
47 شېرىك دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى خەلقئارالىق قائىدىلەرگە ئاساسلانغان دېڭىز تەرتىپىنى قوغداشقا ۋە 3.2 مىليون كۋادرات مىل كېلىدىغان ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز يوللىرىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.