تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دېڭىز ئاستىدىن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئىلگىرى ئانادودىن ئارالغا سۇ يەتكۈزگەن ئەنقەرە، بۇ قېتىم ئېنېرگىيە تەڭلىمىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قەدەم تاشلىدى. قۇرۇلىدىغان بۇ تۇرۇبا يولى پەقەت ئارالنىڭ شىمالىنى گۈللەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار ئۈچۈنمۇ ئەنقەرەنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئۆز مەيدانىنى مۇستەھكەملىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
يېقىنقى مەزگىللەردە رايون ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك قەدەملىرى بىلەن دىققەت تارتىۋاتقان تۈركىيە؛ پەقەت شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي ئاقدېڭىزدىن ئانادولۇغا ۋە شۇنداقلا ئۇ يەردىن شەرقىي ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان يېڭى بىر لىنىيەنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالدى.
تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان رامكا كېلىشىمى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنى دېڭىز ئاستىدىن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.
«ئەسىر قۇرۇلۇشى» دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە سۇ ئاستى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق سۇ يەتكۈزگەن تۈركىيەنىڭ، ئەمدىلىكتە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئارالنىڭ شىمالىغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشى ھەر جەھەتتىن ئالغاندا «ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكۈچى» ھالقىلىق بىر قەدەمدۇر.
رايونلۇق ئېنېرگىيە تەڭلىمىسى قايتىدىن شەكىللىنىدۇ
تۈركىيەدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگىچە سوزۇلىدىغان بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 101 كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ 97 كىلومېتىرى سۇ ئاستىدا بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئانامۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، قىبرىستىكى تەكنەجىككىچە سوزۇلىدىغان ئىككى يۆنىلىشلىك بۇ لىنىيە 2028-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەنقەرەنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك قەدىمىگە پەقەت تەبىئىي گاز نۇقتىسىدىنلا باھا بېرىش يېتەرلىك بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتتە، تۈركىيەنىڭ خېلىدىن بۇيان شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئورتاق بىر قاراش مەۋجۇت.
دېڭىز ئاستىدىن ئۆتىدىغان بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى؛ رايونلۇق ئېنېرگىيە تەڭلىمىسى ۋە ئاساسىي قۇرۇلما بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەنقەرەنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە بۇرايدۇ.
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بۇ تۈر ئارقىلىق، قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى ۋە كاربونسىز ئىقتىسادقا ئۆتۈش باسقۇچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق ئاكتىيورلار ئۈچۈنمۇ يىپيېڭى بىر بۆسۈش ئېلىپ كېلىدۇ.
مەسىلەن، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى مول زاپاسلاردىن قېزىپ چىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ئالدى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە، ئۇ يەردىن ئانادولۇغا يەتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن يۇقىرى ئېھتىماللىققا ئىگە. تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان تەبىئىي گاز تورىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي ئاقدېڭىز گازىنى شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپاغا يەتكۈزۈشمۇ مۇھىم تاللاشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ
تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئالدى بىلەن سۇ، ئەمدىلىكتە بولسا، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش قەدىمى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئارالغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رايونغا بىۋاسىتە ئېلېكتىر لىنىيەسى تارتىش پىلانى، ھازىرچە ياۋروپا ئېلېكتىر تورى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىۋالغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم مەمۇرىيىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن توسقۇنلۇق قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە.
شۇڭلاشقا، ئەنقەرەنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قەدىمى؛ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەنبەنى ئارالغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق، مەزكۇر كۆپ تەرەپلىك بىيۇروكراتىك توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۆتەلەيدىغان مۇستەقىل بىر تاللاش» بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقتا.
ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىمۇ بار... شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى بىر قەدەر كونا بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرى، شۇنداقلا مۇھىتقا زىيانلىق بولغان يېقىلغۇ سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
مانا بۇ تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى بىلەن مەزكۇر ناچار ۋەزىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شۇنداقلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2030-يىللىق بەلگىلىمىلىرى دائىرىسىدە كۆرسىتىلگەن خەلقئارالىق مۇھىت ئاسراش ئۆلچەملىرىگىمۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم مەمۇرىيىتىدىن بۇرۇن ماسلىشىش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.
قىسقىسى تۈركىيە؛ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۈرى بىلەن باشلانغان بۇ مۇساپىگە يېڭى بىر ھالقىنى قوشماقتا. بۇنىڭدىكى تۈپ نىشان — ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق نۇقتىدىن ئەنقەرە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەتتۇر.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئالاقىدار كۈنتەرتىپى ئىنتايىن زىچ. نەتىجىدە، ئەنقەرە ئۆزىنىڭ «مىللىي دەۋاسى» دەپ قارايدىغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز تەڭلىمىسىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچلۈك مۇستەھكەملەيدۇ.























