گوگۇل نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بىلەن 45 مىليون دوللارلىق ئىسرائىلىيە تەشۋىقاتى توختامى تۈزدى
«Drop Site News» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوگۇل مارت ئېيىدىن بۇيان غەززەدىكى ئاچارچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە تالاش-تارتىشلىق «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى»نى مەدھىيىلەيدىغان تەشۋىقات ئېلانلىرىنى تارقاتماقتا.
گوگۇل نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بىلەن 45 مىليون دوللارلىق ئىسرائىلىيە تەشۋىقاتى توختامى تۈزدى
/ AP Archive

«Drop Site News»  نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوگۇل  ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالتە ئايلىق مۇددەت ئۈچۈن تۈزگەن 45 مىليون دوللارلىق توختام دائىرىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش ۋە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالانغان توختامدا گوگۇل  نېتانياھۇنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدىغان «ھالقىلىق بىر تەشكىلات» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارت غەززەگە ئوزۇق-تۈلۈك، دورا-دەرمەك، يېقىلغۇ ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇۋېلىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن باشلانغان. پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاممىۋى ئىنكاسقا تەييار تۇرۇپ-تۇرمىغانلىقى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.

يېقىندا بىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى، ئەمەلدارلارنىڭ «ئاچارچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش» ئۈچۈن رەقەملىك تەشۋىقات پائالىيىتى باشلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

شۇ ۋاقىتتىن بۇيان غەززەدە ئاچارچىلىق يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھۆكۈمەت ئېلانلىرى كەڭ تارقالدى. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «غەززەدە يېمەكلىك بار. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ھەرقانداق بىر سۆز يالغان» دېگەن ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوتىيۇب ۋىدىيوسى، پۇل تۈلەپ ئېلان قىلىنغاچقا، 6 مىليوندىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئېلانلار يوتىيۇب ۋە گوگۇلنىڭ «Display & Video 360» سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە «hasbara» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىبرانىيچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەتتە «تەشۋىقات» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە يەنە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركىتى X دىكى ئېلانلىرى ئۈچۈن 3 مىليون دوللار، فىرانسىيە-ئىسرائىلىيە سۇپىسى Outbrain/Teads دىكىلىرى ئۈچۈن 2 مىليون 100 مىڭ دوللار خەجلىگەن.

ئوخشاش ئۇسۇللار

«WIRED» ژۇرنىلىمۇ ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە غەززە دائىرىلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشنى نىشان قىلغان ۋە گوگۇل  ئارقىلىق تارقىتىلغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلانلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

گوگۇلنىڭ ئېلان ئاشكارىلىق مەركىزىدە ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان ئىدارىسىنىڭ ئېلانىدا، ب د ت نىڭ غەززەدىكى ياردەم يەتكۈزۈشكە «قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى شاللىۋېتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان، ئەمما «ئۆلۈم قاپقىنى» بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئامېرىكانىڭ ھىمايىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى مەدھىيىلەنگەن. ئوخشاش مەزمۇندىكى يەنە بىر ئېلانمۇ ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، غەززەدە ئاۋغۇست ئېيىدا 12 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 185 كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ رايونغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشىدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئايلىق رەقەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ 70 نىڭ ب د ت قوللايدىغان ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش سىستېمىسى ئۆتكەن ئايدا غەززەنى ئاچارچىلىق رايونى دەپ رەسمىي جاكارلىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەھىيە ئەمەلدارلىرى 55 مىڭ ھامىلدار ۋە ئېمىتىدىغان ئاياللارنىڭ شۇنداقلا 5 ياشتىن تۆۋەن 43 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى