فىدان بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۆھبەتلەر ئىككىنچى نۆۋەتلىك بالقان تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

By
خاقان فىدان ئىستانبۇلدا بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىستانبۇلدا بالقان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمەدىن كوناكوۋىچ، كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دونىكا گېرۋاللا-شۋارتز ۋە ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىسا سپىروپالى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەر، جۈمە (23-يانۋار) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك بالقان تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇ يەنە سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو دۇجۇرىچ، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى تىمكو مۇجۇنسكى، قاراتاغ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرۋىن ئىبراھىموۋىچ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

بوسىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوناكوۋىچنىڭ خاقان فىداننىڭ بالقان تىنچلىق مۇنبىرىنى يولغا قويۇشتىكى رولىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ھەمدە يەرشارى ۋە رايون تەرەققىياتى، بولۇپمۇ بوسىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بوسىيە تەرەپنىڭ بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقى ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ئورتاق ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوناكوۋىچنىڭ فىداننى بوسىيە-گېرتسېگوۋىنادا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېرۋاللا-شۋارتز ئىنستاگرام ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ كوسوۋۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو بىلەن بىر گەۋدىلىشىشكە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى، شۇنداقلا بىخەتەرلىك، رايون مۇقىملىقى ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ھەمكارلىقلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ئەنقەرەنىڭ بالقان رايونىدا دىيالوگ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇچۇنسكى تۈركىيەلىك كەسىپدىشى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلارغا بولغان ۋەدىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەزمەنلەشتۈۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سپىروپالى كۆرۈشۈشتە، ئالبانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، بۇ يىل (2026) نىڭ ئاخىرىدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك سانائەت تارماقلىرى ئارا ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى چاقىرىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە ئەنقەرە ۋە تىرانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ، ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سېربىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ ئىككى تەرەپ سىياسىي دىيالوگى، مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى شۇنداقلا رايون ۋە يەرشارى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.