خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
بۇرۇن ئىتالىيە ۋە بېلگىيەدىكى تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن تۆمۈر توساقلارنى كېسىپ، ئەدىياللارنى تانا قىلىپ تۆۋەنگە چۈشكەن ۋە ئىنسان پىرامىداسى ئۇسۇلى بىلەن قېچىپ كېتەلىگەن «تۈرمىدىن قېچىش سېھرىگەرى» لەقەملىك ئالبانىيەلىك جىنايەتچى ئىسپانىيەدە تۇتۇلدى.
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن  قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى
تۆت ئوخشىمىغان تۈرمىدىن قاچالىغان «تۈرمىدىن قېچىش سېھرىگەرى» ئىسپانىيەدە قولغا چۈشتى

ئىتالىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ياۋروپا مىقياسىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى دائىرىسىدە ئىزدىلىۋاتقان گۇماندارنىڭ ئىسپانىيە دۆلەتلىك ساقچلىرى تەرىپىدىن كاتالونىيە رايونىدىكى تارراگونا شەھىرىدە ياشايدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئىسپانىيە ساقچىلىرى ئىتالىيە مابۇئاتلىرىدا «تۈرمىدىن قېچىش سېھرىگەرى» دەپ نام ئالغان 48 ياشلىق ئالبانىيە پۇقراسى توما تاۋلانتنى ئېنىقلاپ چىقتى.

تاۋلانت سەككىز ئاي بۇرۇن مىلاندا يۇقىرى بىخەتەرلىكتىكى بىر تۈرمىدىن قېچىشتىن بۇرۇن بۇلاڭ-تالاڭ، ئوغرىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبىدىن 2048-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان قاماز جازاسى ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گۇماندارنىڭ 2009-يىلى تېرنى، 2013-يىلى پارما ۋە شۇ يىلى بېلگىيەدىكى بىر تۈرمىدىن ئىنسان پىرامىداسى ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ قاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېچىشىنى 2025-يىلى دېكابىردا ئىشقا ئاشۇرغان گۇماندارنىڭ، ئىتالىيەدىكى يۇقىرى بىخەتەرلىككە ئىگە بىر تۈرمىدە تۆمۈر رىشاتكىلارنى كېسىپ بىر-بىرىگە باغلىغان ئەدياللارنى تانا قىلىش ئارقىلىق دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ قاچقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ناھايىتى خەتەرلىك دەپ سۈپەتلەنگەن قاچقۇننىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى تارراگونادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي-ساقچى ئورتاق ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈلگەنلىكى ۋە قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ساقچىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قولغا چۈشۈلگەن ۋاقتىدا ساختا كىملىك ​​ھۆججەتلىرى چىققان گۇماندارنىڭ، گىرونا شەھىرىدە قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددا ساقلاش جىنايەت دېلوسى بارلىقى مەلۇم بولدى.

ئاختۇرۇشتا ئۇنىڭدىن ساختا دەپ قارالغان ئىككى دانە 500 ياۋرولۇق پۇلمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى.  گۇماندارنىڭ كاپالەتسىز قولغا ئېلىنىپ ئىتالىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئۈچۈن تارراگونادىكى بىر تۈرمىگە يوللانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى