سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىران ئامېرىكانىڭ ھاۋا بومباردىمانىدىن كېيىن، بەھرەين ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى. ئۆزئارا ھۇجۇملار نەتىجىسىدە، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىش ئەندىشەسى قوزغالدى.
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
جۇفەير رايونىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆرلەۋاتقان تۇمان، بەھرەين، 1-مارت. (سۈرەت: رويتېرس، ئارخىپ) / Reuters

چارشەنبە (2026-يىلى 10-ئىيۇن) كۈنى ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە پارس قولتۇقىدىكى قوشنىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىرانغا زەربە بېرىشىنى توختىتىش «مەسئۇلىيىتى»  بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھۇجۇملار، ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىگە جاۋابەن ئىرانغا قىلغان بومباردىمانىدىن كېيىن يۈز بەردى. بۇ ئەھۋال ئاپرېل ئېيى (2026) دا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى جىددىي خىرىسقا دۇچار قىلدى.

بۇ قېتىملىق توقۇنۇش، ئامېرىكا مېكسىكا بىلەن بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ۋە ئىرانمۇ قاتنىشىۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى. شۇنداقلا، مەزكۇر ۋەقە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆھبەتلەر «ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى» دېگەن سۆزىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلدى.

فېۋرال ئېيى (2026) دا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا زەربە بېرىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش، ئۆزگىرىپ تۇرغان سۈلھى باشلىنىشتىن ئىلگىرى رايوننى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرغان ۋە يەر شارى بازارلىرىنى تۇراقسىزلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

بەھرەيننىڭ پايتەختى مانامادىكى ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر نەچچە قېتىملىق كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بەھرەيندىكى بىر ئامېرىكا بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى چارشەنبە كۈنى يەنە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا «يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا» ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى 5 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى. بەھرەين بولسا ئىراننىڭ «بىر نەچچە ھاۋا ھۇجۇمى» نى توسۇپ، زەربە بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۇۋەيت ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ «دۈشمەننىڭ ھاۋا نىشانلىرى» غا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران يېقىندا كۇۋەيتتىمۇ ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ (خۇسۇسەن پارس قولتۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ) ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسى ياكى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىرانغا قارشى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى پىلانلىشى، تەشكىللىشى، ئىجرا قىلىشى ياكى قوللىشىنى توسۇش جەھەتتە «قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى» بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

بۇ ۋەقەلەر، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر «ئاپاچ» (Apache) ھۇجۇمچى تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىگە قارىتا «قايتۇرما زەربە» بېرىش ھەرىكىتىنى تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

ئامېرىكانىڭ يېقىن شەرقتىكى قوراللىق كۈچلىرىگە مەسئۇل مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئېكس (X) سۇپىسىدا، ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئىران ھاۋا مۇداپىئەسى، يەر يۈزى كونترول ۋە رادار پونكىتلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئىران ئارمىيەسىنىڭ «ھېچقانداق ھۇجۇم ياكى تەھدىتكە جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US launches massive air strikes on Iran as tensions spiral into dangerous new phase

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىق قىلىش

ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى، ئىراننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيە بىلەن خىتاينى ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا چاقىرىشقا مەجبۇرلىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: «بىز ئامېرىكا-ئىران قوراللىق توقۇنۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتىمىز» دېدى ۋە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈندىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىمۇ ئوخشاشلا تەرەپلەرنى «توقۇنۇشنى كۈچەيتىۋەتمەسلىككە ۋە ۋەزىيەتنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا» چاقىردى.

بۇ ۋەقەلەردىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، ترامپ ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى سورالغاندا، ئۇ: «ئىككى-ئۈچ كۈن» كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما، دۈشەنبە كۈنىدىكى تىك ئۇچار ۋەقەسىدىن كېيىن، ترامپ ئامېرىكانىڭ «كۈچلۈك شەكىلدە» جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاللىقاچان سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئىران ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ چوقۇم لىۋاندىكى ئۇرۇشنى توختىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

 (2026) 2-مارت ھىزبۇللاھ ئەزالىرى ئىسرائىلىيەگە راكېتا ئاتقاندىن كېيىن، لىۋانمۇ بۇ توقۇنۇشقا سۆرەپ ئەكىرىلگەن ئىدى.


ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىشى نەتىجىسىدە 3600 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى لىۋان ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە (9-ئىيۇن) كۈنى جەنۇبتىكى سۇر (Tyre) شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 11 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە تارقاقلىشىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئا ف پ (AFP) مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، سۇر شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى شىمالغا قاراپ قېچىۋاتقانبولۇپ، يوللاردا قىستاڭچىلىق كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran says it launches retaliatory attacks on 21 American military targets, including US Fifth Fleet
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى