سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن پۇتىننىڭ «پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانلىقى» نى ئېيتتى
ترامپ ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارغا قارىتا روسىيەگە قارشى ئېمبارگولارنى كۈچەيتىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن پۇتىننىڭ «پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانلىقى» نى ئېيتتى
ترامپ ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن پۇتىننىڭ «پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانلىقى» نى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىننى تەنقىد قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئۇكرائىناغا قىلغان بومبا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن (پۇتىننىڭ) «پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى» نى ئېيتتى.

ترامپ ترۇس سوشال (Truth Social) سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالدى! نۇرغۇن كىشىنى بىھۇدە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، مەن بۇ يەردە پەقەت ئەسكەرلەرنىلا دېمەيۋاتىمەن» دېدى.

دونالد ترامپ: «مەن ھەمىشە ئۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئەمەس، ھەممە يېرىنى ئۆزىگە قوشۇۋىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدىم. بەلكىم بۇ سۆزۈم توغرا چىقىۋاتىدۇ، لېكىن ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا، بۇ رۇسىيەنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ بۇ توقۇنۇشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشقا تىرىشىپ، «بۇ زېلېنسكىي، پۇتىن ۋە بايدىننىڭ ئۇرۇشى، ‹ترامپنىڭ› ئەمەس. مەن پەقەت چوڭ ئىقتىدارسىزلىق ۋە نەپرەت بىلەن باشلانغان چوڭ ۋە رەزىل ئوتلارنى ئۆچۈرۈشكە ياردەمچى بولۇۋاتىمەن» دېدى.

ترامپ ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پۇتىننىڭ نۇرغۇن كىشىنى بىھۇدە ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىنىڭ موررىستوۋن ئايرودڭرومىدا ۋاشىنگتونغا قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «ئۇنىڭ نېمە مەسىلىسى بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇ نېمە بولۇپ كەتتى؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن ھەرگىز رازى ئەمەس» دېدى.

ترامپ رۇسىيەنىڭ يەكشەنبە كېچىسى ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە، جۈملىدىن پايتەخت كىيېۋغىمۇ 367 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان، ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە ئونلىغان كىشى يارىلاندى.

ترامپ ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە پۇتىن بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سۆزلەشكەن ئىدى.

ترامپ: «مەن ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن ياخشى چىقىشاتتىم، لېكىن ئۇ شەھەرلەرنى راكېتالار بىلەن ئبومباردىمان قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ماڭا ھەرگىز ياقمايدۇ» دېدى.

ۋال سترىت ژورنىلى (The Wall Street Journal) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييار ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تېخىمۇ كۆپ جئېمبارگولار يۈرگۈزىلەمدۇ؟

ترامپ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارغا جاۋابەن رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئىمبارگو قويۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ موررىستوۋن ئايرودورومىدا بىر سوئالغا جاۋاب بەېرىپ، يېقىنقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى كۈچەيتىشنى «قەتئىي» ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ بايانات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئونىڭ بۇ ھەپتە پارلامېنتتا بەرگەن گۇۋاھلىقى بىلەن زىت كېلىدۇ. رۇبىئو ترامپنىڭ «ھازىر ئېمبارگو بىلەن تەھدىت سالساق، روسلارنىڭ سۆھبەتتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىغا» ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پۇتىن ئۇكرائىناغا ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزىنى توختىتىشقا ۋەدە بەرمىگەن ھەمدە پەقەت موسكۋانىڭ تىنچلىق تەلەپلىرىنى خۇلاسىلىگەن بىر «ئەسلەتمە» ئۈستىدە خىزمەت قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئېنىقسىز بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»