خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستاندا قار ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى
مەسئۇللار سالاڭ تاشيولىنىڭ قاتناشقا توسۇلۇپ قالغانلىقىنى، 360 ئائىلىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە سەپەر قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاندا قار ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى
ئافغانىستاندا قار ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى / AFP

ئافغانىستاندا يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە تەسىر كۆرسەتكەن قار بېسىش ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 61 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (ANDMA) شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ چارشەنبە بىلەن جۈمە كۈنلىرى ئارىسىدا، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (ANDMA) ئېلان قىلغان خەرىتىگە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى بېكىتىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 110 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 458 ئۆي-ماكاننىڭ بولسا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر ئىدارە بۇ رەقەملەرنىڭ «دەسلەپكى زىيان ۋە تالافەت بېكىتىش نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (ANDMA)  نىڭ بىر باياناتچىسى سىنلىق ئۇچۇرىدا، جەمئىي 360 ئائىلىنىڭ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىپ، خەلقتىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا قارلىق يوللاردا سەپەر قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

دۆلەتنىڭ ئاساسلىق قاتناش تومۇرلىرىدىن بىرى بولغان سالاڭ تاشيولىنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقى پەرۋان ۋىلايىتىنىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان باميان ۋىلايىتىدە، تاغ ئېغىزىدا قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلارغا يېمەكلىك ياردىمى تارقىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Afghans begin cleanup after deadly 6.3-magnitude earthquake that killed 20
ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى