خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
كانادا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى كۆزىتىش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيەنىڭ ئىلغار «ئۇپۇق سىرتى» رادار تېخنىكىسىنى سېتىۋالىدۇ. بۇ، كانبېررانىڭ ھازىرغىچ ئىمزالىغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك مۇداپىئە ئېكسپورت كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ماتېرىيال سۈرەت: ئاۋسترالىيە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە مۇداپىئە ۋەزىرى رىچارد مارلېس 2026-يىلى 8-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. / AP

ئاۋسترالىيە دۈشەنبە كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا بىلەن كۆزىتىش رادار تېخنىكىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2.5 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرى (1.75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدىكى كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئاۋسترالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس بۇ كېلىشىمنى كانادانىڭ مۇداپىئە سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت كاتىپى ستېفېن فۇھر بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىسنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇپۇق سىرتى رادار تېخنىكىسىنى تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە سېتىشى بولۇپ، مەزكۇر تېخنىكا كانادانىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى كۆزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئالبانىس باياناتىدا: «ئاۋسترالىيەنىڭ مۇداپىئە سودىسىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بۇ كېلىشىم، كانادا بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىمىزغا ئاساس سالىدۇ» دېدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ «جىندالى» (Jindalee) مەشغۇلات رادار تورى ئايروپىلان، پاراخوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىنمۇ بايقىيالايدۇ ۋە ئىز قوغلىيالايدۇ.

فۇھر بۇ تېخنىكىنىڭ كانادانىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ۋەزىيەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇخبىرلار فۇھردىن كانادانىڭ بۇ تېخنىكىنى سېتىۋېلىش سەۋەبىنىڭ، ئامېرىكانىڭ كانادادىن بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا، ئۇ دۆلىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىن «يۇقىرى ھەرىكەتچانلىققا ئىگە زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسى» (HIMARS) مۇ سېتىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

فۇھر سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدە، ئەمما دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قالتىس شېرىكلىرىمىز بار. بۇ رادار كېلىشىمى دەل شۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر» دېدى.

مۇداپىئە مىنىستىرى مارلېس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بۇ، بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بارغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك مۇداپىئە ئېكسپورتىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاۋسترالىيە بىلەن كانادا ھەمىشە ئىنتايىن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەلدى، بىراق بۈگۈن بىز ئىمزالىغان بۇ كېلىشىم ئارقىلىق مۇناسىۋىتىمىزگە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك ئۆلچەم قوشۇلدى» دېدى.

مارلېس ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ رادار سىستېمىسىنىڭ كانادانىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك شىمالىي قۇتۇپ كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ «ئومۇرتقىسى» غا ئايلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار رادار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنياۋى مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «BAE Systems Australia» شىركىتى بۇ سىستېمىنى تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىنى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاشنى پىلانلىماقتا.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى