دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى
تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندىدۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى؛ تۈركىيە دۆلەتلىك كوماندىسى ئامېرىكاغا يېتىپ باردى.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى

تەجرىبىلىك يېتەكچىلەر ۋە ئۆسۈۋاتقان چولپانلاردىن تەشكىل تاپقان «ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا»، 24 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم قاتنىشىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىنى باشلىۋەتتى.

تۈركىيە دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تەييارلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. كوماندا سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا يېتىپ باردى.

كوماندا ئولتۇرغان ئايروپىلان فلورىدا ئىشتاتىنىڭ فورت-لاۋدېردېل  شەھىرىگە قوندى، بۇ يەردە ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سادات ئۆنال شۇنداقلا باش كونسۇل رەسۇل شاھىنول قارشى ئالدى.

 كوماندا مۇسابىقىگە پۈتۈن زېھنىنى يىغىشتىن ئىلگىرى ۋېنېزۇئېلا كوماندىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان سىناق تەرىقىسىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.

ۋىنچېنزو مونتېللا رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە كوماندىسى 2002-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. كوماندا كاپىتان خاقان چاھانئوغلۇ، ئاردا گۈلەر ۋە كەنان يىلدىز قاتارلىق ماھىرلار ئورۇن ئالغان كۈچلۈك بىر ئەترەت بىلەن مۇسابىقىگە ئاتلاندى.

ھەممىنىڭ دىققىتى D گۇرۇپپىسىدا

تۈركىيە كوماندىسى ۋېنېزۇئېلا كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان تەييارلىق مۇسابىقىسىدىن كېيىن، D گۇرۇپپىسىدا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىقىگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ مېسا شەھىرىدە دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن لاگېر قۇرىدۇ.

«ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا» رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىدىغان D گۇرۇپپىسىدىن كېيىنكى باسقۇچقا ئۆرلەش ئۈچۈن، پاراگۋاي ۋە ساھىبخان ئامېرىكا كوماندىلىرى بىلەنمۇ مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكانىڭ بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەمدە جەمئىي 48 كوماندا قاتنىشىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 11-ئىيۇن باشلىنىپ، 19-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى