تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ
گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرېدرىخ مېرز تۈركىيەنىڭ «ياۋرو فايتېر تايفۇن» (Eurofighter Typhoon) تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ / Reuters

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى رولىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرېدرىخ مېرز، بېرلىننىڭ تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بۇ (تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى) مەسىلىدە ياۋروپا مىقياسىدا ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە كوپېنھاگېن ئۆلچەملىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بولسا، تۈركىيە كوپېنھاگېن ئۆلچەملىرى بىلەن باھالانغان تەقدىردە، ئەنقەرەنىڭمۇ ياۋروپا ۋە دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىدىغان «ئەنقەرە ئۆلچەملىرى» بارلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان مېرز، ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز بۇ مۇزاكىرىلەرنى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ دۇنيانىڭ «چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يەرشارى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان يېڭى بىر گېئوپولىتىكىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىر گېرمانىيەلىك ۋە ياۋروپالىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك ۋە تۈركىيە بۇ جەرياندىن چەتتە قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«تۈركىيە بىزنى بىۋاسىتە قىزىقتۇرىدىغان بارلىق تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاكتىيور ھېسابلىنىدۇ» دېگەن مېرز، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بىخەتەرلىك سىياسىتى ساھەسىدە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

غەززەدىكى تىنچلىق

مېرز سۆھبەت جەريانىدا غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇشى ئىنتايىن ئىجابىي بىر ئەھۋال. تۇنجى قېتىم مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن بىر ئۈمىد پەيدا بولدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا غەززەدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان مېرز: «بۇ جەريان تۈركىيە، قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكا بولمىغان بولسا مۇمكىن بولمايتتى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

مېرز گېرمانىيەنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي-پۇقراۋىي مەركەزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنىڭ ھولوكوست (يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش) سەۋەبلىك پەيدا بولغان گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «فېدېرال ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بېرى بۇ دۆلەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدى. ئىسرائىلىيە ھولوكوستتىن ھايات قالغان مىليونلىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر پاناھگاھ بولدى. گېرمانىيە ھەر دائىم ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ھەر بىر ھۆكۈمەت قارارىنى تەنقىدسىز قوللايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەنىدى.» دېدى.

«ياۋرو فايتېر تايفۇن» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى

مېرز تۈركىيەنىڭ «ياۋرو فايتېر تايفۇن» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بىر نۇقتىدا ئورتاق تونۇشقا ئىگىمىز: بۇ ئايروپىلانلار ئورتاق بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز قايتىدىن بىر ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ باشلايمىز ۋە ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ‹ياۋرو فايتېر› ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ساھەسىدە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئەمگەك كۈچى كېلىشىمى» نىڭ 64 يىللىقىنىمۇ تەبرىكلىگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى، گېرمانىيەگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىپ: «بۇ كىشىلەر بولمىغان بولسا، گېرمانىيە 60 يىل ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ھازىرقىدەك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتى» دېدى.

ياۋروپادا كۈچىيىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش مەسىلىسىگە ئائىت بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن مېرز، گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ «سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر» بۇ ئەھۋالغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە گېرمانىيەنىڭ دىنىي ئېتىقادى ياكى مىللىي كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق ئىنسانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى