تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتائەنقەرە 2027-2029-يىللىق ئىقتىسادىي پىلانى دائىرىسىدە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تېخنولوگىيەلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى پىلانلىماقتا.
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا / َAA

ئەنقەرە بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھالقىلىق تېخنولوگىيەلەردە چەتكە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

ئەنقەرەنىڭ ئۈچ يىللىق «ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانى» غا (OVP) ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن تېخنولوگىيەلىك تەجرىبە ۋە ئىقتىدارلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەپ، ھالقىلىق تېخنولوگىيەلەردە تاشقى دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىشنى پىلانلىماقتا.

2027-2029-يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ئىقتىسادىي پىلاندا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، ئاشلىق، سەھىيە، تېخنولوگىيە ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە مەنبە خەۋپسىزلىكىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ساھەلەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك زەربىلەر، گېئوسىياسىي جىددىيچىلىك ۋە رىقابەت بېسىملىرىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلماقتا.

سەھىيە ساھەسى بۇ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سىناق مەيدانى بولىدۇ. ۋاكسىنىلار، دورىلار، تېببىي ئۈسكۈنىلەر، دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى سەھىيە تېخنىكىلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا زور مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ.

ئۈچ يىللىق پىلاندىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشتۇر. تۈركىيە كىملىك كارتىلىرى، پاسپورتلار ۋە باشقا سانائەت ساھەلىرى ئۈچۈن مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى ۋە بۇ ساھەنىڭ تىجارەت يوشۇرۇن كۈچىنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تېخنولوگىيە ۋە ئىقتىدارلىرىمىزنى پۇقراۋى سانائەت ساھەلىرىگىمۇ يۆتكەشنى خالايمىز. بۇنىڭ بېشىدا سەھىيە سانائىتى كېلىدۇ. بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۆزىمىزنى تېخىمۇ خەۋپسىز ھېس قىلىش ئۈچۈن، باشقا ھالقىلىق تېخنىكىلارنىمۇ دۆلىتىمىزگە قازاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىگە پەقەت تۈركىيە نۇقتىسىدىنلا قارىمايمىز، بەلكى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق سۇپىلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن <F-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىشتا بىر سۇپا قۇردى، بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭدا ئورۇن ئالدى. بىز ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە مەھسۇلات ئاساسىدا دوست دۆلەتلەر بىلەن ھەم تەتقىق قىلىپ – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ھەم بازار ئېچىش جەھەتتە ئورتاق سۇپىلارنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى