ئەردوغان جانبولاتنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋاندىكى دۇرزى رەھبەر ۋەلىد جانبولاتنى قوبۇل قىلدى.

ئەردوغان جانبولاتنى قوبۇل قىلدى / TRT Uyghur

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە لىۋاندىكى دۇرزى رەھبەر ۋەلىد جانبولاتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇچرىشىشقا تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى ئاكىف چاغاتاي قىلىچمۇ قاتناشقان.