سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى
ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا، دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى.
ئەھمەد شارا، دەمەشىقتىكى ئەمەۋى جامەسىدە بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.
سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA)، سۈرىيە دۆلەت رەئىسى ئەھمەد شارانىڭ دۆلىتىنىڭ «بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشىگە لايىق» بىر قايتا قۇرۇش دەۋرىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەساد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
ئەھمەد شارا دۈشەنبە كۈنى دەمەشىقتىكى ئەمەۋى جامەسىدە ھەربىي فورمىسى بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەلىكلەرگە مۇنداق خىتاب قىلدى: «ھېچكىم، قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يولىمىزنى توسۇيالمايدۇ. ھېچقانداق توسالغۇ بىزنى توختىتالمايدۇ ۋە بىرلىكتە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىمىز. شىمالدىن جەنۇبقىچە، شەرقتىن غەربكىچە، خۇدا خالىسا، سۈرىيەنى بۈگۈنىگە، ئۆتمۈشىگە ۋە قەدىمقى مىراسىغا يارىشىدىغان شەكىلدە قايتىدىن كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز!»
دۆلەت رەئىسى شارا كېيىنكى باسقۇچنىڭ «ئاجىزلارنى قوللاش ۋە خەلق ئارىسىدا ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئاساسىغا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA)، نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شارا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھەد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان كەبە يوپىقىنىڭ بىر پارچىسىنى شامدىكى ئەمەۋى جامەسىگە ئورۇنلاشتۇردى.
سۈرىيەنىڭ تەخمىنەن 25 يىللىق رەھبىرى بولغان ئەساد ئۆتكەن يىلى دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەن ۋە 1963-يىلدىن بېرى ھاكىمىيەتتە تۇرغان بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن ئىدى. شارانىڭ يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى يانۋاردا قۇرۇلغان ئىدى.
تېخىمۇ ياخشى بىر كەلگۈسىگە قاراپ
سۈرىيەلىكلەر، 61 يىللىق بائاس ھاكامىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەشلەر بىلەن شۇنداقلا دۆلەتلىرىنىڭ ئەركىن، بىخەتەر بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغان بولغان ئۈمىت بىلەن قارشى ئالماقتا.
پايتەخت دەمەشىق ئاھالىسى، ئاغدۇرۇلغان بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە تارتقان جاپالىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتىپ، يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ سۈرىيەنى بولۇپمۇ ئەركىنلىك، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى بىر كەلگۈسىگە باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەسەد ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت، توك ۋە مەمۇر مائاشلىرى قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەر تاشلىدى ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.
ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بىر دۆلەت رەئىسى پەرمانى بىلەن مەمۇر مائاشلىرى 250,000 سۈرىيە لىراسىدىن (ئۇ ۋاقىتتا تەخمىنەن 15 دوللار) 750,000 سۈرىيە لىراسىغا (تەخمىنەن 65 دوللار) ئۆستۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 14 يىللىق بومباردىمان جەريانىدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتنىڭ توك تورىنى ئوڭشاش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرى باشلاندى. ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا ئاساسلانغاندا، ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىدىكى خىزمەتلەردىن كېيىن، ئەزەربەيجاندىن تەمىنلەنگەن تەبىئىي گاز ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشقان.
كونا ھۆكۈمەت مەزگىلىدە توك پەقەت كۈندە بىرنەچچە سائەتلا بېرىلىدىغان بولۇپ، يېڭى تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەش تېزلىكتە كۈندە 8-10 سائەتكە چىقىرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەلەب، ھۇمۇس ۋە دەمەشىققە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە 15 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سىناق مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز 24 سائەتلىك توك تەمىنلەندى.
سەدنايا، مەززە ھەربىي تۈرمىسى ۋە خاتىب قاتارلىق سۈرىيە خەلقىدە قاراڭغۇ ئىزلارنى قالدۇرغان تۈرمىلەر مەڭگۈلۈك تاقالدى.