ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى موسكۋاغا يېتىپ باردى
ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن «تاموژنا بېجى» جىددىيچىلىكى مۇھىتى ئاستىدا موسكۋاغا يېتىپ باردى.
ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى موسكۋاغا يېتىپ باردى
/ Reuters

ئاجىت دوۋالنىڭ موسكۋا زىيارىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەختكە كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

مەركىزى يېڭى دېھلىغا جايلاشقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋالنىڭ چارشەنبە كۈنى موسكۋادا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ زىيارەت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن تاموژنا باجلىرىنى ئۆستۈرۈش تەھدىتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى.

ھىندىستان ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىدا موسكۋا ئۈچۈن مۇھىم كىرىم مەنبەسى بولغان رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئاساسلىق سېتىۋالغۇچىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتكە قارىتىلغان ئىمپورت باجلىرىنى «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە» ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، «ھىندۇ» گېزىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دوۋالنىڭ سەيشەنبە كېچىسى موسكۋاغا يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. NDTV تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ ئۇنىڭ رۇسىيەدە ئىكەنلىكىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

دوۋالنىڭ موسكۋا زىيارىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەختكە كەلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

ترامپ رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن جۈمە كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا يېڭى ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىش بېسىمىنى «ئورۇنسىز ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» دەپ قارىغان ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى «رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئەنئەنىۋى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ياۋروپاغا يۈزلىنىشى سەۋەبىدىن باشلىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - India’s loss is Pakistan’s gain: How the Trump-Modi bromance fell apart

 تارىخىي قويۇق مۇناسىۋەتلەر

 

Capital Economics شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى شىلان شاھ ھىندىستاننىڭ «پىرىنسىپ جەھەتتىن» باشقا تەمىنلىگۈچىلەرنى كىچىك ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە ئاسانلا تاپالايدىغانلىقىنى، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن بۇنىڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ترامپنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇش دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە ياخشى قارشى ئېلىنمايدۇ. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر رۇسىيە بىلەن بولغان ئادەتتە سەمىمىي (ۋە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان) مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ.»

ئۇكرائىنا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىگە قويۇپ بېرىلگەن رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدا ھىندىستاندا ئىشلەنگەن زاپچاسلارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ باش كاتىپى ئاندرىي يېرماك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بىز رۇسلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن زاپچاس ئېلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىشىمىز ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توختىتىشىمىز كېرەك.»

ئانالىزچىلار ترامپنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە نېفىتىنى سېتىۋېلىشىغا قارىتا غەزەپلىنىپ، يېڭى دېھلى بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگىچە سوزۇلىدىغان تارىخىي قويۇق مۇناسىۋەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستان ھەربىي ئىمپورتىنىڭ %76 نى رۇسىيەدىن قىلغان.

گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ نىسبەت كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان يەنىلا ھالقىلىق زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشتا رۇسىيەگە تايىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى