تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ترامپنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا ترامپ تەرىپىدىن بېرىلگەن دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
ئەردوغان ترامپنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
ئەمىنە ئەردوغان / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە (23-سېنتەبىر) كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە بىرىنچى خانىم مېلانىيا ترامپ تەرىپىدىن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بېرىلگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

ئەردوغانغا، نىيۇ يوركتىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە لوتتې سارىيى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ھەمراھ بولدى. كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئاخباراتقا يېپىق ئۆتكۈزۈلدى.

ب د ت «نۆل ئەخلەت» يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان ئەمنە ئەردوغان، مېلانىيا ترامپ تەرىپىدىن رەھبەرلەرنىڭ رەپىقىلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشتى. پائالىيەت بىرىنچى خانىملارنىڭ غەيرىي رەسمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن كىچىك بالىلار، ئاياللار، مۇھىت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتلەشكەنلىكى كۆرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan at UNGA: ‘There is no war in Gaza, this is genocide’

ئەمىنە ئەردوغان گابون جۇمھۇر رەئىسى بىرايس كلوتېيىر ئولىگىيې نگۇئېمانىڭ رەپىقىسى گابون بىرىنچى خانىمى زىتا ئولىگىيې نگۇئېما بىلەن تۈرك ئۆيىدە كۆرۈشكەن ئىدى. سۆھبەتتە نگۇئېما «نۆل ئەخلەت» تۈرىدىن ئىلھام ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نگۇئېمانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمىنە ئەردوغان نۆل ئەخلەت فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، ئافرىقا قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئافرىقا ئۆيىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا لايىھەلەش ئۈستىدە كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ تەشكىللتەش مۇمكنچىلىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گابون بىرىنچى خانىمى نگۇئېما ئۆز دۆلىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىگە دىققەتنى ئاغدۇرۇرۇپ ، بۇ ساھەدە تۈركىيەدىن ياردەم ئېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. 

ئەمىنە ئەردوغان ئېكس (X) ئادرېسىدا: «گابون پىرېزىدېنتىنىڭ ھۆرمەتلىك رەپىقىسى زىتا ئولىگىيې نگۇئېما بىلەن تۈرك ئۆيىدە كۆرۈشتۈم. سۆھبىتىمىز، بولۇپمۇ مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە ئافرىقالىق ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا مەركەزلەشتى ۋە ئۈنۈملۈك بولدى. ھۆرمەتلىك ئولىگىيې نگۇئېمانىڭ بىزنىڭ نۆل ئەخلەت تۈرىمىزنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىدىن ۋە بۇ قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى ئۆز دۆلىتىدە كېڭەيتىشكە ئىرادە قىلغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، «تۈركىيە سىجىل كەلگۈسى ئۈچۈن بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرلەشكە ھەر دائىم تەييار. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدىغان بىر دۇنيا قالدۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەنە كوسوۋۇ پىرېزىدېنتى ۋىيوسا ئوسمانىنىڭ رەپىقىسى پرىندون سادرىيۇ بىلەنمۇ تۈرك ئۆيىدە كۆرۈشتى. ئۇ تۈرك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ن سوسيال»  (NSosyal) دا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىككى بىرىنچى خانىمنىڭ تۈركىيە بىلەن كوسوۋۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تېمىلاردا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى بايان قىلىپ: «بۇ خىلدىكى يېقىن دىيالوگلارنىڭ تۈركىيە بىلەن كوسوۋۇ ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە