كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى. بۈگۈن 23-دېكابىر دۈشەنبە. كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار.... بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
00:00
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
تېزلىك يۇقىرى خەۋەر / TRT Uyghur

ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇشنىڭ بارلىق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش – خىزمەت ئىشلەش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغالىيىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «غەززەدە ئۇرۇشنىڭ بارلىق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىندى.» ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇدا 14 ئايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىىدا مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. لاززارىنى ئاللىقاچان ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇشنى توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى ۋە پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بۇ ئەھۋالنى كۆرمەسكە سېلىۋالماسلىقى كېرەك.»

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەرگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 27-نويابىر كۈنى تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ. لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەرنى ۋەيران قىلدى. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاندا ئۇدا 287 قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 31 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتكەن. لىۋان دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى (NNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇملار نەباتىيە رايونىدىكى كفارقەلئە ۋە بىنت جۇبەي رايونىدىكى خانىغا ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن ھەمدە رايونلۇق جىددىيچىلىكىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن.

پۇتىن قازاندا يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىناغا بۇ دۆلەتنى «ۋەيران قىلىۋېتىش» بىلەن تەھدىت سالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن  قازاندا چېگرادىن تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئېگىز بىناغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىناغا بۇ دۆلەتنى «كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىۋېتىش» بىلەن تەھدىت سالغان. بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى تەخمىنەن  3 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەن. ئۇكرائىنا قازاندىكى ھۇجۇم توغرىسىدا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇتىن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ «پۇشايمان قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. پۇتىن ئىلگىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىيېۋنىڭ مەركىزىگە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى

بىرمادا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار بولۇپمۇ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ باڭلادېشقا قېچىشىغا سەۋەب بولماقتا

بىر ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، 60 مىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرى چېگرا رايونىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە بىرمانىڭ توقۇنۇش رايونى راخىن ئۆلكىسىدىن باڭلادېشقا قاچقان. ھازىر 1 مىليون 200 مىڭ مۇساپىرنى كۈتۈۋاتقان باڭلادېش كرىزىسنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق  ئورنىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان. دائىرىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى چېگرا ئېغىزىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا بۇراپ، بىرمانىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە رايونلۇق سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

 گۇگۇل ياپونىيەدە مونوپوللۇققا قارشى سوت ئېچىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى

 نىككېي ئاسىيا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە رىقابەت ئورگىنى گۇگۇلنى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا ئىكەن. ياپونىيە ئادىل سودا كومىتېتى گۇگۇلنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىگە قارىتا تەكشۈرۈشتىن كېيىن گۇگۇلنىڭ مۇلازىمىتىنى توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن. بۇ ئۆزگىرىش ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا گۇگۇلنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە يەرشارىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەر تاشلىنىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا گۇگۇلنىڭ ئىزدەش مونوپوللۇقىنى بۇزۇش ئۈچۈن Chrome تور بېكىتىدىن گۇگۇلنىڭ چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى