رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان راك ۋاكسىنىسى تۇنجى كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان راك ۋاكسىنىسى تۇنجى كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتىشەخسكە خاس مېلانوم ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن تۇنجى بىمارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە كېسەللىككە قارشى زۆرۈر بولغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان راك ۋاكسىنىسى تۇنجى كلىنىكىلىق سىناقلاردا ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشتى

ۋاكسىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا رول ئوينىغان گامالېيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىلمىي دىرېكتورى ئالېكساندىر گىنتزبۇرگ، ئاپرېل ئېيىدا تۇنجى قېتىم ۋاكسىنىنى ئەملەتكەن 60 ياشلىق ئۈچىنچى باسقۇچتىكى مېلانوم بىمارىنىڭ داۋالىنىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گىنتزبۇرگ ئېلىپ بېرىلغان سىناقلاردا، بەدەننىڭ ئۆسمە ۋە مېتاستازلار بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاكتىپ بىرىكمىلەرنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ۋە ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاسنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى، ئىلغار باسقۇچتىكى مېلانوم ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «Neooncovac» ناملىق mRNA ئاساسىدىكى ۋاكسىنا بىلەن تۈز ئۈچەي راكىنى نىشان قىلغان «Oncopept» ناملىق پېپتىد دورىسىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان ئىدى.

گامالېيا تەتقىقات ئورنى دائىرىلىرى، شەخسكە خاس مېلانوم ۋاكسىنىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە يەنە 10 بىمار ئۈچۈن تەييارلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تاماملنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گېنتىكىلىق ئانالىز ئارقىلىق شەخسكە خاس ئىشلەپچىقىرىش

كېسەللىكنى بىۋاسىتە داۋالاشنىڭ ئورنىغا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا راك ھۈجەيرىلىرىنى تونۇشنى ۋە يوقىتىشنى ئۆگىتىشنى نىشان قىلغان بۇ ئۇسۇلدا، بىمارنىڭ ئۆسمىسىدىن ۋە ساغلام توقۇلمىسىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ گېنتىكىلىق قۇرۇلمىسى ئانالىز قىلىنىدۇ. ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن پەقەت شۇ شەخسكە خاس ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

رۇسىيە دۆلەتلىك تىببىي رادىيولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئاندرېي كاپرىن، بۇ تېخنىكىنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاشتا تۈپتىن پەرقلىق بىر ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «Oncopept» داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بىمارلاردىمۇ زۆرۈر ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گامالېيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك ۋە كىچىك ھۈجەيرىلىك بولمىغان ئۆپكە راكىغا قارىتىلغان داۋالاش تەتقىقاتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ