خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
واشىنگتون-تېھران لىنىيەسىدە «ئۈمىد» ۋە «ئېھتىياتچانلىق» بىرلىكتە داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى «جىددىيچىلىك ۋە مۇزاكىرە» نىڭ ئايلانما چەمبىرىدە، مۇساپىنىڭ يېڭى بىر ھالقىسىغا گۇۋاھ بولۇنامدۇ ياكى ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشتىمۇ؟ دېگەن سوئال كۈنتەرتىپنىڭ نەق مەركىزىگە ئورۇنلاشتى.
واشىنگتون-تېھران لىنىيەسىدە «ئۈمىد» ۋە «ئېھتىياتچانلىق» بىرلىكتە داۋاملاشماقتا
واشىنگتون-تېھران لىنىيەسىدە «ئۈمىد» ۋە «ئېھتىياتچانلىق» بىرلىكتە داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان «جىددىيچىلىك ۋە مۇزاكىرە» مۇساپىسىدە تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ «ئۆزئارا يول قويۇش (كېلىشىم) تېكىستى تەييار» دېگەن باياناتى ۋە ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئىنتايىن قالتىس بىر كېلىشىم تۈزدۈك» دېگەن سۆزى بىلەن بىرگە بۇ جەرياندا، تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىكى شەرتلىرى ۋە ئۆزئارا قوشۇلغان «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» نىڭ تەپسىلاتلىرى ئېنىقلىشىشقا باشلىدى.

ت ر ت خەۋەر قانىلىنىڭ تېھران ۋەكىلى ھارۇن ئايكاچ  ۋە واشىنگتون مۇخبىرى تۇنا شانلىنىڭ يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك ئالاقە رېتمى «ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش» باسقۇچىغا يەتكەن. بىراق يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە ئىران ئىچىدىكى سىياسىي پىكىر دائىرىلىرى ئاخىرقى ئىمزانىڭ ئالدىدىكى نازۇك ۋەزىيەتنى يەنىلا ساقلاپ قالماقتا.

تېھراننىڭ شەرتى: يادرو ماتېرىياللىرىنى يوقىتىش ئەمەس، زەئىپلەشتۈرۈش

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دەپ ئاتىغان دەسلەپكى تېكىستىگە قارىتا تېھران تەرەپتىن سىرتقا چىققان مەلۇماتلار، ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قايتۇرما قەدەملىرىنى ۋە قەتئىي يول قويمايدىغان قىزىل سىزىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ھارۇن ئايكاچنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تېھران ھۆكۈمىتى، ئەڭ چېگىش مەسىلە بولغان يادرو تېمىسىنى «كېيىنكى ئىككىنچى بىر باسقۇچقا» قالدۇرۇشنى قوبۇل قىلدى. ئىران قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىرىلىشىغا قەتئىي تۈردە شەرت قويۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا زاپاسلارنى «سۇيۇقلاندۇرۇش» (قۇۋۋىتىنى تۆۋەنلىتىش) ئۇسۇلىنى تەكلىپ قىلماقتا. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ سودا قاتنىشىغا ئېچىۋېتىلىشى كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىخەتەرلىكنىڭ ئىران ۋە ئوماننىڭ كونتروللۇقىدا قېلىشى جەزمەن شەرت قىلىنماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان ھۇجۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا رايوندىكى بارلىق فىرونتلاردىكى ئۇرۇشنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، تېھراننىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىكى ئەڭ ئالدىنقى نىشانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇ مۇساپە جەريانىدا ئىراننىڭ خەلقئارالىق سىستېمىدىكى توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنىڭ تولۇق قايتۇرۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

واشىنگتوننىڭ 5 ماددىلىق پىلانى ۋە «60 كۈنلۈك» ۋاقىت جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە

تۇنا شانلىنىڭ واشىنگتوننىڭ پەردە ئارقىسىدىن يەتكۈزگەن ۋە ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلنى مەنبە قىلغان «5 ماددىلىق پىلان» مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئامېرىكا زاپاسلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى ۋە ئىران سىرتىغا چىقىرىلىشى مەسىلىسىدە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يادرو پروگراممىسىنىڭ تامامەن ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنماقتا.

توڭلىتىلغان فوندلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن «كېلىشىمگە تولۇق ماسلىشىش » تەلەپ قىلىنماقتا.

دېڭىز قامالىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە بوغۇزنىڭ پۈتۈنلەي ئوچۇق تۇرۇشى پىلانلانماقتا.

ئىراننىڭ رايون خاراكتېرلىك گۇرۇھلارغا تەمىنلەۋاتقان مالىيە ياردەملىرىنىڭ پۈتۈنلەي كېسىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، ئىراننىڭ خەلقئارالىق سىستېمىغا تولۇق كىرىشىنىڭ يولى ئېچىلىشى كۆزدە تۇتۇلماقتا. بۇ رامكا ئاستىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭمۇ ئىران نېفىتىگە ئېرىشىشىنى تەمىنلەيدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر ئىقتىسادىي پىلان ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىنماقتا. تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا جەنۋەدە بىر يەرگە جەم بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، دىپلوماتىيەلىك مەنبەلەر بۇ جەرياننىڭ «ئۈمىدبەخش، بىراق ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن» باشقۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ئىران: ئۇرۇش ۋە ئېمبارگولارغا قارىماي 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىندى
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى