غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەگە خۇسۇسىي ئىگىلىكلەر ئارقىلىق ياردەم كىرگۈزۈلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27-مايدىن بۇيان غەززەدىكى ياردەم مەركەزلىرىنىڭ يېنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن كەم دېگەندە 1516 كىشى قازا قىلغان، 10,067 كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە غەززەگە خۇسۇسىي ئىگىلىكلەر ئارقىلىق ياردەم كىرگۈزۈلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيە غەززەگە خۇسۇسىي ئىگىلىكلەر ئارقىلىق ياردەم كىرگۈزۈلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ / AP

ئىسرائىلىيە كابىنېتى قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە خۇسۇسىي ئىگىلىكلەر ئارقىلىق «قەدەممۇ-قەدەم ۋە كونتروللۇق» مال كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان بىر مېخانىزمنى تەستىقلىدى.

غەززەگە قارشى قورشاۋنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھەربىي ئورگىنى COGAT سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ: «بۇ مېخانىزم غەززەگە كىرىدىغان ياردەم مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ۋە ب د ت بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياردەم توپلاش پائالىيەتلىرىگە بولغان تايىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى.

باياناتتا يېڭى مېخانىزم دائىرىسىدە چەكلىك ساندىكى يەرلىك سودىگەرلەرنىڭ تەستىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قەدەم غەززەنىڭ 2 مىليون 400 مىڭ نوپۇسىنى ئاچارچىلىق گىرۋىكىگە ئېلىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق قورشاۋى ئاستىدا تاشلاندى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 93 ى كىچىك بالا بولۇپ، كەم دېگەندە 180 كىشى ئاچارچىلىق ۋە يېتەرسىز ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

غەززەدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 27-ئىيۇلدىن بۇيان 674 ياردەم يۈك ماشىنىسىنىڭ كىرىشىگە يول قويغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوننىڭ كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن ئېھتىياجى بولغان 6000 يۈك ماشىنىسىنىڭ پەقەت %14 ىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەتىجىسىزلىك

سەھىيە مىنىستىرلىقى 27-مايدىن بۇيان غەززەدىكى ياردەم مەركەزلىرىنىڭ يېنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن كەم دېگەندە 1516 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 10,067 كىشىنىڭ بولسا يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان ياردەم پىلانى ئۈنۈمسىز بولغانلىقى ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈش گىرۋىكىدىكى پۇقرالار ئۈچۈن بىر «ئۆلۈم قاپقىنى» غا ئايلانغانلىقى سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەمدە تەنقىد قىلىندى.

خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 61,000 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى رايوننى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، ئاچارچىلىق گىرۋىكىگە ئىتتىرىپ قويدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - In photos: Gaza hunger crisis - 'Do we not even deserve a piece of bread?'

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ