تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ھىندىستاننىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ھىندىستاننىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ ئۇرۇش خەۋپى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ھىندىستاننىڭ پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئەنقەرە، پاكىستاننىڭ 22-ئاپرېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق توغرىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى. / AA

ئەنقەرە تەرەپلەرنى تەمكىن بولۇشقا چاقىرىپ، 22-ئاپرېلدىكى تېررورلُق ھۇجۇمىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.

تۈركىيە، ھىندىستاننىڭ 6-ماي كۈنى پاكىستاندىكى پۇقرالارنى ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككى قوشنا دۆلەت ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

چارشەنبە كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرە بۇ كەسكىنلىشىشنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتاپ، ھەر ئىككى تەرەپنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا: «بۇ خىلدىكى قۇترىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ۋە پۇقرالار بىلەن پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز. تۈنۈگۈن كەچتە، ھىندىستان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش خەۋپىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە ۋەزىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. مىنىستىرلىق كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەسىدە زۆرۈر بولغان مېخانىزملارنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرە يەنە پاكىستاننىڭ 22-ئاپرېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دائىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.

«رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ دەرھال پەسەيتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىككى يادرو قوراللىق دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك

ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان پاكىستان ۋە پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردىكى ئالتە ئوخشىمىغان ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى. پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالار ئۆلتۈرۈلگەن، ھەمدە مەسچىتلەر زىيانغا ئۇچرىغان.

پاكىستان ئارمىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ باھاۋالپۇر، مۇرىدكە، مۇزەپپەرئاباد، كوتلى، باغ ۋە ئەھمەدپۇر شەرق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. باياناتتا كۆرسىتىلشىىچە، قازا قىلغانلار ئىچىدە 3 ياشلىق بىر قىز بالا، 16 ياشلىق بىر قىز ۋە 18 ياشلىق بىر يىگىت بار ئىكەن. ھۇجۇمدا ئونلارچە كىشى يارىلانغان، ئىككى كىشىنىڭ بولسا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

گېنېرال لېيتېنانت ئەھمەد شەرىف چاۋدرى پاكىستانغا ھەر خىل قوراللار بىلەن 24 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا پاكىستاننىڭ بەش ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر قانچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز
فەتۆنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قاراتقان سۇيىقەستلىرى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىكى تەرەققىياتلار...
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: بەھرەين ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلدۇق
ساقچى باش ئىدارىسى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىگە ئاتاپ ئالاھىدە سىن تەييارلىدى