خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلىك ۋىزىسى ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدىكى كۆچمەنلىك ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقىتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كونسۇلخانا خادىملىرىغا قارىتىلغان دۇنياۋى تەربىيەلەش پىروگراممىسى باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلىك ۋىزىسى ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كونسۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىققا ئېھتىياجلىق بولۇش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنى سۈزۈپ چىقىرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان. / AP Archive

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋىزا سۆھبەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى، دۇنيادىكى بارلىق ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا دۇنياۋى تەربىيەلەش پىروگراممىسى باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىزا مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىش ۋاقىتلىرى بۇ تەربىيەلەش پىروگراممىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنىڭ دۆلەت ئىچكى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىزا سىياسىتىنى چىڭىتىش تەدبىرلىرى بەزى قانۇنىي توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى. ئامېرىكالىق بىر سوتچى جۈمە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 75 دۆلەتتىن كەلگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا كۆچمەنلىك ۋىزىسى بېرىشنى توختىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلدى. سوتچى بۇ سىياسەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ قانۇنىي ھوقۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەربىيەلەشنىڭ تەپسىلاتى ياكى ۋاقىت جەدۋىلى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مىنىستىرلىق بۇ پىروگراممىنىڭ كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئامېرىكانىڭ جامائەت پاراۋانلىق ياردەملىرىگە تايىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى شاللاشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى «ئەتراپلىق ۋە بىردەك» باھالاشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«تېخىمۇ باياشات ئامېرىكا»

ۋىزا سۆھبەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى سەيشەنبە كۈنى تۇنجى بولۇپ «Financial Times» گېزىتى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئالدىن بېكىتىلگەن سۆھبەت ۋاقتى بار كۆچمەنلىك ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئۇچرىشىشلىرىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان. ئۇلارغا يېڭى ۋاقىتنىڭ كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «Financial Times» گېزىتىگە مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ باياشات ئامېرىكا دېگىنىمىز، ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا قانۇن-نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن جامائەتكە يۈك بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىغا ھەمدە ئېھتىياجلىق، شەرتكە توشىدىغان ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان جامائەت پاراۋانلىق ياردەملىرىگە تايىنىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دېمەكتۇر».

ئامېرىكانىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان قاتتىق تەدبىرلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلەندى.

ھوقۇق قوغدىغۇچىلار يەنە بۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئامېرىكادا، بولۇپمۇ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە قاراپ نىشان قىلىنىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن بىخەتەر بولمىغان مۇھىت پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار