خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا تاتارىستانغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.
ئۇكرائىنا تاتارىستانغا  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ھۇجۇمدا تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىژنېكامسك شەھىرىدىكى پۇقرالار ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

رۇسىيەگە تەۋە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە پۇقرالار ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ نىژنېكامسك (تۇبەنكاما) شەھىرىگە قارىتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «ھۇجۇم نەتىجىسىدە پۇقرالار ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى. كارخانىلاردىن بىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئىشلەپچىقىرىش جەريانى توختىتىلمىدى. ھۇجۇمدا 2 كىشى قازا قىلىپ، 12 كىشى يارىلاندى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، كېچىدە ئۇكرائىناغا تەۋە 389 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھەر قايسى رايونلاردا پاچاقاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ