سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا كىيېۋ ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە تىنچلىق مۇساپىسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قەدەملەرنى تاشلىماقتا

رۇسىيە كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى توسۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قەدەملەرنى بېسىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەنگلىيە ئۇرۇشتا كىيېۋ ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

باياناتچى پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك <Skale> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن زاپچاسلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىكار قىلىش پىلانى ئىنتايىن سەلبىيدۇر. دەرۋەقە، ئەنگلىيە ئۇرۇشتا كىيېۋ ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەنگلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى توسۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قەدەملەرنى باسماقتا.»

پېسكوۋ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە يوقىتىش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن «Ozon» ۋە «Wildberries» گە تەۋە ئامبار ۋە ئەشيا ئوبوروت مۇئەسسەسەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن سودا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىراق كىيېۋ ھاكىمىيىتى بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. كىيېۋ ھاكىمىيىتى فىرونتتىكى ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋابقا ھەر كۈنى شاھىت بولۇۋاتىدۇ ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شاھىت بولىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى