تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە كېلىشىمى «تەييارلىق باسقۇچىدا» تۇرماقتا.
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە / TRT World

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى رەزا ھايات خارراج: «ئۈچ دۆلەت كېلىشىم لايىھەسى مەسىلىسىدە  سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.

 تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى رەزا ھايات خارراج تەخمىنەن بىر يىل داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر مۇداپىئە كېلىشىمى لايىھەسىنى تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە رايون خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما بۈگۈنگىچە ھېچقانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى رەزا ھايات خارراج پەيشەنبە كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىمنىڭ ئالدىنقى يىلى پاكىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خارراج كېلىشىمنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«پاكىستان–سەئۇدى ئەرەبىستان–تۈركىيە ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرماقتا. دەرۋەقە، بۇ كېلىشىم لايىھەسى بىزنىڭ قولىمىزدىمۇ بار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدىمۇ بار. ئۈچ دۆلەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ كېلىشىم يېقىنقى 10 ئايدىن بۇيان كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتىدۇ.»

خارراج يەنە، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ رايونلۇق ئۈچ ئاكتىيورنىڭ كەڭ كۆلەملىك مۇقىمسىزلىق شارائىتىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى ئورتاق مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پاكىستان «ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىمى» گە ئىمزا قويۇپ، «ھەر ئىككى دۆلەتكە قارىتا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

خاقان فىدان سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما تېخى كېلىشىم ئىمزالانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خاقان فىدان ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بۇ سۆھبەتلەرگە تار دائىرىدىكى بىر ئىتتىپاقداشلىق نۇقتىسىدىنمۇ بەكرەك، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ھەمكارلىق نۇقتىسىدىن قاراش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، توقۇنۇش، تېررورىزم ۋە سىرتتىن مۇداخىلە قىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان ئىختىلاپلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ تەكلىپىمىز شۇكى، پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى خەۋپسىزلىك سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

دۆلەتلەر <بىر-بىرىدىن خاتىرجەم بولالىسا، رايونلۇق مەسىلىلەرنمۇ ھەل بولىدۇ. ھازىرچە يىغىنلار، سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، ئەمما تېخى بىر كېلىشىم ئىمزالىمىدۇق. جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ كۆز قارىشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭ بىر ھەمكارلىق ھەم مۇقىملىق ئورنىتىدىغان ئومۇمىيۈزلۈك سۇپىنى تەشكىل قىلىشتۇر.»

خاقان فىدان نۇتىقىدا پاكىستان ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نامىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك رايون خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان تەشەببۇسلارغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گەرچە دائىرىلەر سۆھبەتنىڭ تېخى مەسلىھەتلىشىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، ئىسلامئاباد ۋە ئەنقەرە تەرەپتىن بېرىلگەن بۇ باياناتلار ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان  دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۈگۈن ئېنېرگىيە تارىخىمىزدا يىپيېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز»
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
تۈركىيە—ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئالاقىلەرنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى