خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنى قايتا باشلاش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئەمما سۆھبەتنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنى بېكىتىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە ئامېرىكا بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ

كرېمىل ئامېرىكالىق مۇزاكىرىچىلەر ستىۋ ۋىتكوفت بىلەن جارېد كۇشنېرنىڭ موسكۋا ۋە كىيېۋ زىيارەتلىرىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاشىنگتون ۋە كىيېۋ بىلەن يېڭىدىن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون دىققىتىنى ئىران بىلەن بولۇۋاتقان ئۇرۇشقا يۆتكىگەنلىكتىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار يېقىنقى ئايلاردا توختاپ قالغانىدى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مۇزاكىرىچىلىرى ئاخىرقى قېتىم 2-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىك قىلغان سۆھبەتتە بىر يەرگە جەم بولغان. ئەمما تەرەپلەر مۇرەككەپ زېمىن مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان. شۇنىڭدىن بۇيان سۆھبەت قايتا باشلانمىدى.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ «ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت شەكلىنى قايتا باشلاش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى باسقۇچتا سۆھبەتنىڭ ئورنى ياكى ئېنىق ۋاقتى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.

ۋىتكوفت بىلەن كۇشنېر توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان يېڭى دىپلوماتىك ھەرىكەت دائىرىسىدە، ھەپتە ئاخىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەنبە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا (AFP) بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك» تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما موسكۋا ياكى كىيېۋنىڭ ھېچقايسىسى سۆھبەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئون مىڭلىغان ئەسكەر ۋە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مۇزاكىرە مۇساپىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونى مەسىلىسى سەۋەبىدىن توختاپ قالماقتا. رۇسىيە بۇ رايوننى تولۇق كونترول قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەر قانداق تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»