بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ئىرانغا قارىتىلىشى مۇمكىن بولغان يېڭى ھۇجۇملارنى تىلغا ئالدى.
نېتانياھۇ X ھېسابىدا ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن كۆرۈنۈشنى ھەمبەھرىلەپ، 27-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئۆزىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى.
نېتانياھۇ ئىرانغا قارىتىلىشى مۇمكىن بولغان يېڭى ھۇجۇملارغا ئىشارە قىلىپ: «دونالد ئىراندا تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار. بۇنى سىزمۇ ئېيتقانىدىڭىز؛ بىز ئۇنى بىرلىكتە تاماملايمىز. بۇنى باشقا ھېچكىم قىلالمايدۇ» دېدى.
ئۇ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا دائىر «ئىبراھىم كېلىشىملىرى»گە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ترامپقا: «ئامېرىكادىكى كىشىلەر سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغان يادرو قورالىغا ئىگە ئىرانغا قارشى تۇرغانلىقىڭىزنى بىلىشى كېرەك» دېدى.
ترامپ نېتانياھۇنى سايلامدا قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى يازمىنى ئۆزى يازغانلىقىنى ئېيتىپ: «سەن بىر جەڭچى. ئۆز دۆلىتىڭ ۋە بەلكىم باشقا بەزى دۆلەتلەر ساڭا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلدى... لېكىن سەن ئۇلۇغ بىر جەڭچى، بۇنى ئىسپاتلايمىز» دېدى.
ترامپ ئىلگىرى ئىرانغا قارىتىپ: «ئەگەر ئۇلار يولىنى تېز ئۆزگەرتمىسە، ئىشنى يېقىندا تاماملايمىز» دېگەن. ئۇ ئىسرائىلىيە نېتانياھۇدىن باشقا رەھبەر سايلىسا، ئۆزى خالىمىسىمۇ ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.




















