ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلەرگە، قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنسا، 1 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پىرېزىدېنت ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە 3-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.
ترامپ باياناتىدا: «ئۆتمۈشتىكى سايلاملاردا ياكى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان 2026-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىنغانلىقىنى پاش قىلغان ھەرقانداق كىشىگە، مەزكۇر قىلمىشنى ئۆتكۈزگەنلەر تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغان تەقدىردە، 1 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى.
ترامپ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت بايدىنغا قارشى مەغلۇپ بولغان ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىدا بېلەت ئوغرىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر تېمىغا ئائىت تالاش-تارتىشلار ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.





















