شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى «20-خۋاسۇڭ» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «ئەڭ كۈچلۈك يادرو ئىستراتېگىيەلىك قورال سىستېمىسى» دەپ بىلىنىدۇ.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشچىلار پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ ھەربىي پاراتتا يېڭى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرىنى كۆرسەتتى.
جۈمە (10-ئۆكتەبىر) كېچىسى پايتەخت پىيوڭياڭدا باشلانغان ھەمدە چەت ئەل دىپلوماتلىرىمۇ قاتناشقان پاراتتا كىم جوڭئۇننىڭ دىپلوماتىك ئورنىنىڭ ئۆسكەنلىكى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئاسىيادىكى رەقىبلىرىنى نىشانغا ئالالايدىغان قوراللارنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پاراتتا كۆرسىتىلگەن يېڭى «20-خۋاسۇڭ» دەپ ئاتالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ قورال-ياراغ زاپىسىدىكى «ئەڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك يادرو قورال سىستېمىسى» دەپ قارالدى.
بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخى سىناق قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە قويۇپ بېرىشكە تەييار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى «20-خۋاسۇڭ» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدىن باشقا، پاراتتا يەنە قىسقا مۇساپىلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارمۇ كۆرسىتىلدى. پىيوڭياڭ ئىلگىرى بۇ خىلدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ يادرو ئوق بېشى بارلىقىنى ۋە جەنۇبىي كورېيە نىشانلىرىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پاراتقا رىياسەتچىلىك قىلغان كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ يادرو كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى.
ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش
كىم جوڭئۇن پاراتتا مۇنداق دېدى:
«ئارمىيەمىز بارلىق تەھدىتلەرنى يوقىتىدىغان يېڭىلمەس كۈچكە ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»
ئۇ شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىۋاسىتە ئامېرىكا ياكى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتى رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە ئاخبارات ئورگانلىرى پىيوڭياڭنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن يېڭى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى يىراق مۇساپىلىق بومبا ياكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، «20-خۋاسۇڭ» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارالىق ئېمبارگولارغا قارىماي، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىكەن.
سېئۇلدىكى كورېيە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەتقىقات ئورنىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى خوڭ مىن ھەربىي پارات توغرىسىدا سۆز قىلغاندا: «بۇ پارات ھەم ئىچكى تەشۋىقات، ھەم كىم جوڭئۇننىڭ يادرو نىشانىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا چەت ئەل كۈچلىرىگە بەرگەن سىگنالى» دېدى.
شىمالىي كورېيە بۇ يىل 30 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قىلدى.
تەھلىلچىلەر بۇ سىناقلارنىڭ بەزىلىرىنى قاتتىق يېقىلغۇ بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە كۆپ يادرو ئوق بېشى تېخنىكىسىنى سىناش ئۈچۈن قىلىندى دەپ قارايدۇ.
شىاملىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسىنىڭ بۇ يىللىق خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات، يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ پاراتلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە دىققەتنى تارتتى. پاراتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى بىلەن تانكا ۋە ئۇچقۇلارمۇ كۆرسىتىلدى.