خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى
كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن رايونلاردا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا، 370 كىشى تېخىچە يوق.
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى / Reuters

دۈشەنبە كۈنى تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 330 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 370 كىشى يوقاپ كەتكەن ئاپەت خاراكتېرلىك كەلكۈندىن كېيىن، خىتاي ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت سىرىلانكىغا ياردەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇ ئورگىنى «News 1st» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىرىلانكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى جىددىي نەق پۇل ياردىمى سۈپىتىدە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى؛ نېپال بولسا كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ياردەم ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋەدە قىلغان.

ئاۋسترالىيە، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 1 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى (650 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ياردەم ئېلان قىلدى. ھىندىستان بولسا ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 80 كىشىلىك ئەترەتلەردىن تەركىب تاپقان ياردەم قىسىملىرىنى ئەۋەتتى.

ھازىرغىچە، ئاپەت خاراكتېرلىك كەلكۈندە 334 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، 370 كىشى يوقاپ كەتتى.

17-نويابىردا باشلانغان شىددەتلىك ھاۋارايى شارائىتىدىن بۇيان كەلكۈن، يەر كۆچۈش ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قانچە رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى دىتۋاھ (Ditwah) بورىنى سىرىلانكىغا ھۇجۇم قىلدى. تەخمىنەن 1 مىليون 120 مىڭ كىشى ۋە 309 مىڭ 607 ئائىلە تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئەمەلدارلار 1275 ياردەم مەركىزى قۇرۇپ، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 180 مىڭ 499 كىشىنى پاناھلىق بىلەن تەمىنلىدى.

ئارمىيە، قاپسىلىپ قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باراماقتا. ياردەم ئەترەتلىرى بولسا تېز سۈرئەتتە يېمەكلىك، سۇ ۋە داۋالاش ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.

«Daily Mirror» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىرىلانكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن؛ بارلىق ئايروپىلان خادىملىرى قۇتقۇزۇۋېلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ھۆكۈمەت؛ مائارىپ، ئالىي مائارىپ ۋە كەسپىي مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئالىي مائارىپ ئورگانلىرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە 8-دېكابىرغىچە ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.

پىرېزىدېنت ئانۇرا كۇمارا دىسساناتاكە شەنبە كۈنى دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Indonesia, Thailand, and Sri Lanka race to find missing as flooding death toll tops grim 900 mark
ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»