سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى
گوللاندىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى نېكسپېرىيا (Nexperia) ئۆزەك مەسىلىسىگە بالدۇرراق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.
خىتاي گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى
نېكسپېرىيا ئۆزەك شىركىتىنىڭ ئىشخانا بىناسى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى شەنبە (8-نويابىر) كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گوللاندىيەنىڭ نېكسپېرىيا  ئۆزىكى مەسىلىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق گوللاندىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلارنى خىتايغا سۆھبەت ئۈچۈن ئەۋەتىش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ پەيشەنبە (6-نويابىر) كۈنى گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا ئۆزەك شىركىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەر جەريانىدا خىتاينىڭ «ئورۇنلۇق تەلىپى» گە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسى ئۈچۈن تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خې يادوڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«گوللاندىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى مۇزاكىرەلەردە خىتاينىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرماي، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى كىرىزىسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

ئۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېكسپېرىيانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا «نامۇۋاپىق ئارىلىشىشى» نىڭ يەر شارى ئۆزەك تەمىنلەش زەنجىرىدە زور قالايمىقانچىلىق ۋە ئاقساشلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچىنىڭ خې يادوڭنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ئېكسپورت قىلغۇچىلارنىڭ ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسىغا «تېز سۈرئەتتە» جاۋاب قايتۇرۇپ، ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا ئېكسپورت كەچۈرۈم قىلغان، شۇنداقلا نېكسپېرىيانىڭ خىتايدىكى تارماق شىركىتىنىڭ يەر شارى ئۆزەك تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشقان.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي گوللاندىيەنىڭ خىتاي-گوللاندىيە ۋە خىتاي-ياۋروپا ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ھەمدە بىخەتەرلىكىنى قوغداش نوقتىسىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گوللاندىيە تەرەپ كارخانىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، نېكسپېرىيا مەسىلىسىگە قارىتا ئىجابىي ھەل قىلىش چارەسى تېپىشى كېرەك.»
ئېكسپورت چەكلىمىسى

بېيجىڭ گوللاندىيەنىڭ 30-سېنتەبىر 1952-يىلدىكى قانۇن بويىچە نېكسپېرىيانى ۋاقىتلىق كونترول قىلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان ئۆزەكلەرنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. بۇ قانۇن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە دۆلەت ياكى ياۋروپا ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان شىركەت قارارلىرىنى توسۇش ياكى بىكار قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.

گوللاندىيە ئىقتىساد مىنىستىرى ۋىنسېنت كاررېمانس (Vincent Karremans) ياۋروپانىڭ «مۇھىم تېخنىكىلىق ئۇچۇرلار ۋە ئىقتىدارى» دىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشەلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گوللاندىيەنىڭ قارارىنى ئاقلىدى.

مەركىزى گوللاندىيەنىڭ نىجمېگېن شەھىرىگە جايلاشقان  نېكسپېرىيا، ماشىنا ۋە ئائىلە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي، ئەمما مۇھىم ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ شىركەت 2019-يىلى خىتاينىڭ  ۋىڭتېك تېخنولوگىيە (Wingtech Technology)  شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى