سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراقتا ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى
ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەببانىيەدىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى خەتەرلىك بىر جىددىيلىشىش ۋە خەلقئارا قانۇن-بەلگىلىمىلەرىگە ئاساسەن «ئېغىر بىر جىنايەت» دەپ ئاتىدى.
ئىراقتا ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى
ئىراقتا ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى / AA

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باغدادنىڭ غەربىدىكى ھەببانىيە ھەربىي بازىسىدىكى بىر ھەربىي شىپاخانا ۋە قۇرۇلۇش قىسمىغا چارشەنبە ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 13 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىرلىق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدىن كېيىن بىر ھاۋا ئاپپاراتىدىنمۇ ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ رايوندىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ ئەسكەرلەر «دۆلەتلىك ۋە ئىنسانىي ۋەزىپىلىرىنى» ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ۋە تالاپەتكە يول ئاچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىق مەزكۇر ھۇجۇمنى «تىببىي ئەسلىھەلەرنى ۋە خادىملىرىنى نىشان قىلىشنى چەكلەيدىغان خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھەمدە ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ تەرىپلىدى.

ھۇجۇمنىڭ «خەتەرلىك بىر جىددىيلىشىش» نىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىرلىق، سەھىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ «ئېغىر بىر جىنايەت» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئىراق «جاۋاب قايتۇرىدۇ»

مىنىستىرلىق ھۇجۇمنىڭ خادىملارنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىراقنىڭ قانۇنلارغا ئاساسەن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تەرەپنىڭ كىملىكى بولسا ئاشكارىلانمىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملار داۋامىدا شۇ مەزگىلدىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تېھران بولسا ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە مالىيە مال-مۈلۈكلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى؛ بۇ ھۇجۇملار جانغا زامىن بولۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە دۇنياۋى بازارلار بىلەن ئاۋىياتسىيە ساھەلىرىدە كاشىلىلارنىڭ كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى