سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پولشا: رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاۋا بوشلۇقىمىزنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلدى
پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا پولشانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
پولشا: رۇسىيە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاۋا بوشلۇقىمىزنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلدى
/ AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك پولشا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىغا قارشى قورال ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىرىلەر تەھدىت ئاستىدىكى رايونلاردىكى پۇقرالارنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتقاندا ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا چاقىردى.

پولشا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاۋا بوشلۇقىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن تەھدىتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

پولشا ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بۈگۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىكى نىشانلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا، ھاۋا بوشلۇقىمىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تۈرىدىكى ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن تەكرار دەپسەندە قىلىندى.

پولشا قىسىملىرى ھاۋا بوشلۇقىمىزغا كىرگەن بۇ ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىغا قارشى قورال ئىشلەتتى. ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلماقتا.»

دائىرىلەر ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋام قىلىۋاتقان پودلاسكىي، مازوۋىيكې ۋە لۇبېلسكىي رايونلىرىدىكى پۇقرالارنى ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا چاقىردى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلدى:

«ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيمىز ھەمدە بۇ جەرياندا خەلقىمىزدىن ئۆيلىرىدە تۇرۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىز.»

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئارمىيەنىڭ بۇ ئۇرۇش ۋاسىتىلىرىغا قارشى قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە پىرېزىدېنت كارول ناۋروكىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ولادىسلاۋ كوسىنىياك-كامىش بىلەن داۋاملىق ئالاقىدە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پولشا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېزارىي تومچىك، ناۋروكىي ۋە تۇسكنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە خەلقنى پولشا ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىردى.

 ئايرودۇرۇملار تاقالدى

 

پولشا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ۋارشاۋا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى، مودلىن، لۇبلىن ۋە رژېشوۋ-ياسىيونكا قاتارلىق چوڭ ئايرودۇرۇملىرىنى تاقىدى.

 ئاۋىياتسىيە ئۇقتۇرۇشلىرىدا ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋام قىلىۋاتقاندا بۇ ئايرودۇرۇملارنىڭ تاقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ مۇخبىرى كەيتلان كوللىنسنىڭ سەيشەنبە كۈنى يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ پولشا ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا مەلۇمات بېرىلگەن.

ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن ئىلگىرى: «رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ناتو ھاۋا بوشلۇقىنى تەكرار دەپسەندە قىلىشى، (پىرېزىدېنت) ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنى قوغداش ئىرادىمىزنى سىناۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق بىر ئىپادىسىدۇر» دېگەن ئىدى.

تۇسك ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پولشا ھاۋا بوشلۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى چوقۇم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پولشا بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە چوقۇم تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - فىدان: تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار

ئىزدىنىڭ
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى