خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە موسكۋا-ناتو جىددىيچىلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
«زاپاد» مانېۋىرى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىكى كەڭ ئالدىنقى سەپلەرنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ۋە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە باشلاندى.
رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە موسكۋا-ناتو جىددىيچىلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى
/ AFP
2025-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى

رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ نۇقتىلىق ئىتتىپاقدىشى بېلارۇسىيە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە كەڭ كۆلەملىك ئورتاق ھەربىي مانېۋىر باشلىدى. بۇ ھەرىكەت پولشانىڭ موسكۋانى ئۆز ھاۋا بوشلۇقىغا ھۇجۇمچى ئۇچقۇلارنى ئەۋەتىپ جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزدى.

«زاپاد» مانېۋىرى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىكى كەڭ ئالدىنقى سەپلەرنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ۋە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ناتونىڭ شەرقىي قانىتىدىكى بېلارۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان ئەزالىرى پولشا، لىتۋا ۋە لاتۋىيە، پايتەخت مىنىسكىنىڭ شەرقىدىكى بورىسوۋ بازىرىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان مانېۋىر سەۋەبىدىن ھوشيارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

ھەر ئۈچ دۆلەت مانېۋىردىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، پولشا مانېۋىر مەزگىلىدە بېلارۇسىيە چېگراسىنى پۈتۈنلەي تاقاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مانېۋىرى باشلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تاسك دۆلىتىنىڭ «ھالقىلىق كۈنلەر»نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

تاسك چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پولشا ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى جىددىي ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «ئاشكارا توقۇنۇش» قا بۇ قەدەر يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

موسكۋا بۇ ئەندىشىلەرگە پەرۋا قىلمىدى

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ: «بۇلار پىلانلىق مانېۋىرلار بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەتنى نىشان قىلمايدۇ» دېدى ۋە پولشانىڭ مانېۋىرنى «تاجاۋۇزچى» خاراكتېرلىك كۈچ كۆرسىتىش دەپ ئاتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىيمۇ موسكۋانىڭ نىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ مۇداپىئەلىنىش ئەمەس، ھەمدە ئۇ پەقەتلا ئۇكرائىناغا قارشى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تەرەپ بولسا، بىر كېچىدىلا ئۆز زېمىنىدا 221 دانە ئۇكرائىنا ئۇچقۇسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەقەتلا بىر كۆز-كۆز قىلىشمۇ؟

ئادەتتە تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان 2025-يىللىق «زاپاد» مانېۋىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى مانېۋىر بولۇپ، 16-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

موسكۋا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 2021-يىلىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مانېۋىرغا تەخمىنەن 200 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.

ئەمما بۇ يىلقى «زاپاد»نىڭ كۆلىمىنىڭ تېخىمۇ كىچىك بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە، چۈنكى يۈز مىڭلارچە رۇسىيە ئەسكىرى ئۇكرائىنا فىرۇنتلىرىدا جەڭ قىلماقتا.

بېلارۇسىيە يانۋاردا مانېۋىرغا 13 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما ماي ئېيىدا بۇ ساننىڭ يېرىمغا يېقىن ئازايتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تاسكنىڭ قارىشىچە، بۇ مانېۋىر پولشا بىلەن لىتۋا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان، بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كالىنگراد رايونى بىلەن قورشالغان سۇۋالكى كارىدورىنى ئىشغال قىلىشنى تەقلىد قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ كارىدور ناتو ئۈچۈن بىر ئاجىزلىق دەپ قارىلىدۇ ھەمدە رۇسىيەنىڭ ھەرقانداق ھۇجۇمىنىڭ تۇنجى يوشۇرۇن نىشانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بېلارۇسيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بولسا، بۇ ئەندىشىنى «پۈتۈنلەي بىمەنىلىك» دەپ رەت قىلدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۆلەت تاراتقۇلىرى، بېلارۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ مانېۋىرنىڭ «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن» پولشا ۋە ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىن يىراقتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئەمما پولشا يەنىلا موسكۋانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىسىمۇ، بېلارۇسىيە بىلەن بولغان ئاز ساندىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىدى ۋە شەرقىي چېگراسىدىكى ھاۋا قاتنىشىنى چەكلىدى.

لىتۋا بىلەن لاتۋىيەمۇ ھاۋا بوشلۇقىنى قىسمەن تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، مانېۋىرغا يېڭىچە تۈس قوشتى.

مىنىسكى ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانېۋىردا رۇسىيەنىڭ «ئورېشنىك» ناملىق يېڭى تەجرىبە خاراكتېرلىك يادرو ئوق بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن يادرو ھۇجۇمى مەشىقىنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى