ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد ئىران-ئامېرىكا يادرو سۆھبەتلىرى ھارپىسىدا تېھراندا
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق يادرو سۆھبەتلىرى ھارپىسىدا، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي بىلەن كۆرۈشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد ئىران-ئامېرىكا يادرو سۆھبەتلىرى ھارپىسىدا تېھراندا
Saudi Defence Minister Prince Khalid bin Salman is engaged in a rare visit by a senior Saudi royal to the Islamic Republic. / AP
2025-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى

ئۇ يەنە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىران پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزەشكىيان ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد باقىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدا ھەپتە ئاخىرىدا رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر ھارپىسىدا، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تېھرانغا يېتىپ باردى.

دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد پەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ سالام خېتىنى تاپشۇردى. ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلمىدى.

شاھزادە خالىد ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ساھەلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

ئەلى خامەنېيمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شاھزادە خالىد بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە پادىشاھنىڭ سالام خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىدى، لېكىن پادىشاھنىڭ سالام خېتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىدى.

شاھزادە خالىد ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەنمۇ كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

شاھزادە خالىد: «ئۇچرىشىشتا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا بۇ ھەقتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق» دېدى.

 

رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرى

 

ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېھراننىڭ تالاش-تارتىشلىق ئوران قويۇلدۇرۇش پىروگراممىسى توغرىسىدا بۇ ھەپتە ئاخىرىدا رىمدا  ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا.

ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەلىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي كۆرۈشۈشتە: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ قارايمىز» دېگەن.

خامەنېي تېھراننىڭ رىياد بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان دۈشمەنلىكتىن كېيىن، پارىس قولتۇقىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان جىددىيچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 2023-يىلى خىتاينىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە مۇناسىۋەتلەرنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان شەنبە كۈنى دۆلەتنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا،  ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىران باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باقىرى، تېھراندا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن: «بېيجىڭ  كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىران ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا» دېگەن.

باقىرى رايون بىخەتەرلىكىنىڭ «ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت» ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تېھراننىڭ سىياسىتىنىڭ قوشنىلار بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باقىرى: «شۇ ۋەجىدىن، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى رايون ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس يارىتالايدۇ» دېگەن.

2016-يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلەر

 شاھزادە خالىدنىڭ پەيشەنبە كۈنى تېھرانغا قىلغان زىيارىتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن باشلانغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ تېھرانغا قىلغان ئىككىنچى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

2024-يىلى نويابىردا، سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال فەيياز بىن ھامىد ئەررۇۋەيلى، ئىككى تەرەپلىك ھەربىي سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېھراندا زىيارەتتە بولغانىدى.

رايوندىكى ئىككى كۈچلۈك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 2023-يىلى مارت ئېيىدا بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 2016-يىلى رىيادنىڭ شىئە ئالىم نەمر ئەننەمرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى سەۋەبىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىراندىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە ئۇدا يەتتە يىل داۋاملاشقانىدى.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەسلىگە كەلگەن بولدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
«ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش»
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت پاراخوتلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوغدايدۇ
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى