سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: قاتارغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى نېتانياھۇ يالغۇز چىقاردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ دوھاغا «بەك كېچىكىپ» ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، قاتار مەزكۇر ھۇجۇمنى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىش دەپ ئەيىبلىدى.
ترامپ: قاتارغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى نېتانياھۇ يالغۇز چىقاردى
/ AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قاراتقان ھۇجۇمىغا ئائىت بۇيرۇقنىڭ ۋاشىنگتوندىن ئەمەس، بەلكى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ «Truth Social» دا: «بۇ مېنىڭ ئەمەس، باش مىنىستىر نېتانياھۇ تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر قارار ئىدى» دەپ يازدى.

ئۇ يەنە: «مەن ئالاھىدە ۋەكىل ستېۋ ۋىتكوفقا يېقىنلىشىۋاتقان ھۇجۇم ھەققىدە قاتار تەرەپكە دەرھال مەلۇمات بېرىشنى تاپشۇردۇم، ئۇمۇ شۇنداق قىلدى. لېكىن ئەپسۇسكى، ھۇجۇمنى توختىتىشقا بەك كېچىكىپ قالدۇق» دېدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاق ساراينىڭ ئالدىنئالا ئۇچۇر بەرگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇچۇرىنىڭ پارتلاش يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوھا مەزكۇر ھۇجۇمنى «خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش» ۋە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان تەھدىت دەپ ئەيىبلىدى.

ترامپ ھۇجۇمدىن كېيىن نېتانياھۇ بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيە رەھبىرىنىڭ ئۆزىگە «تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقى»نى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ يەنە، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ قايتا تەكرارلانمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ترامپ ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىتنىڭ ئىلگىرىكى باياناتلىرىنى تەكرارلاپ: «قاتاردەك ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە ئامېرىكانىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەتنى، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز بىلەن بىرلىكتە دادىللىق بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بىر دۆلەتنى بىر تەرەپلىمە بومباردىمان قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭمۇ، ئامېرىكانىڭمۇ نىشانىغا پايدىلىق ئەمەس» دەپ يازدى.

ترامپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا قاتار بىلەن بىر مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تاماملاش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ قاتار بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
نېتانياھۇ: ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئىران ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاش
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
فىنلاندىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مەخپىي مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئاشكارىلاندى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىردى
ترامپ: مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولمىغان بولسام، ئىسرائىلىيە يوقاپ كەتكەن بولاتتى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ «MQ-9» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
نېپالدا ئاپەتتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 600 دىن ئېشىپ كەتتى
ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا «دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى
بىشكەكتە ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىدە...
ئۇكرائىنا فىرونت لىنىيەسىدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رۇسىيە نېفىت زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىران پارلامېنت رەئىسى كالىباف: بىز نېفىت ساتالمىغان رايوندا ھېچكىم نېفىت ساتالمايدۇ