خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە تالاش-تارتىشتلىق ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكرارلىدى
جەنۇبىي كورېيە ياپونىيەگە تالاش-تارتىشتلىق ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكرارلىغانلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈردى.
ياپونىيە تالاش-تارتىشتلىق ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكرارلىدى
ياپونىيە تالاش-تارتىشتلىق ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكرارلىدى / Reuters

جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق «دوكدو/تاكېشىما ئاراللىرى» ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«يۆنخاپ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ھۆكۈمەت ياپونىيەنىڭ دوكدوغا قارىتا ئادالەتسىز ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى تەكرارلىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

باياناتتا، مەزكۇر ئاراللارنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ياپونىيەگە بۇ تەلەپلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىش چاقىرىقى قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، باياناتتا ياپونىيەنىڭ دوكدوغا مۇناسىۋەتلىك «ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىكىگە» قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېئۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىن بىر ئەمەلدارنى چاقىرتىپ رەسمىي نارازىلىقىنى يەتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

ياپونىيە، «تاكېشىما» دەپ ئاتايدىغان ئاراللارنى دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىغا كىرگۈزۈپ، ئاراللارنىڭ ياپونىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تالاش-تارتىشلىق ئاراللار

جەنۇبىي كورېيە «دوكدو»، ياپونلار «تاكېشىما» دەپ ئاتايدىغان رايون، ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە، كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 0.2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىنغا 1954-يىلىدىن بۇيان بىخەتەرلىك خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى