مېكسىكادا تەسىرىنى كۆرسەتكەن سىموند بوران-چاپقۇنى ۋە راچېل تىروپىك بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا يامغۇر ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى نەتىجىسىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك بوران-چاپقۇن مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىموند بوران-چاپقۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك سەۋىيەدىكى قۇۋۋىتى بىلەن كۈچىيىپ، مېكسىكانىڭ نايارىت ۋە سىنالوا ئىشتاتلىرىدا قارا يامغۇرنىڭ يېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مېكسىكا دائىرىلىرى دەريا سۈيىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.
سىموند بوران-چاپقۇنى بىلەن راچېل تىروپىك بورىنىنىڭ تەسىرى كۆرۈلگەن گۇررېرو رايونى ۋە تۆۋەنكى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئېنسېنادا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 كىشى يوقاپ كەتكەن.
ئېنسېنادانىڭ ئەل پىپىلا ئېرىقى ئەتراپىدا كەم دېگەندە 300 ئەسكەر ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. رايوندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ماشىنا ۋە ئۆي-جايلار زىيانغا ئۇچرىغان.





















