FBI سابىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسى دىرېكتورىنى ئۇچۇر ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرمەكتە

ئىران ۋە ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى- FBI، جو كېنتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىدىن گۇمانلانماقتا.

By
جو كېنت سەيشەنبە كۈنى دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. / Reuters

«Axios» قانىلىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، FBI نىڭ دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى دىرېكتورلۇقىدىن سەيشەنبە كۈنى ئىستېپا بەرگەن جو كېنتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغان بولۇشىدىن گۇمانلىنىپ تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەلەر ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ كېنتنى ئۇزۇندىن بۇيان «ئۇچۇر ئاشكارىلايدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان كىشى» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەلۇمات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كېنتنىڭ كونسېرۋاتىپ ئوبزورچى تاكېر كارلسون بىلەن بىرگە كەم دېگەندە يەنە بىر پودكاست رىياسەتچىسىگە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغانىدى.

بىر مەنبەنىڭ ئاشكارىلىشىچە، FBI يەنە ئىران ۋە ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىستىخباراتلارنىمۇ تەكشۈرمەكتە.

«Axios» كېنتنىڭ پىكىر بايان قىلىش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىملىرىدا 20 يىل خىزمەت قىلغان پېشقەدەم جەڭچى ۋە سابىق CIA يېرىم ھەربىي ئوفىتسېرى كېنت چارشەنبە كۈنى كارلسونغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈن يېقىن خەۋپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيەپەرەس لوبىچىلار ۋە ئاقىللار ئامبىرىنى، ۋاشىنگتوننىڭ تېھراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدىكى قىزىل سىزىقىنى ئۆزگەرتىپ، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.