سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە مىراس ئىشلىرى مىنىستىرى: پەلەستىنلىكلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈشى كېرەك
ئامىچاي ئېلىياخۇ ھاماسنىڭ يېقىلغۇ ۋە ئاشلىق ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلىشتا ھېچقانداق توسالغۇ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيە مىراس ئىشلىرى مىنىستىرى: پەلەستىنلىكلەر ئاچلىقتىن ئۆلۈشى كېرەك
More than 52,500 Palestinians have been killed in Gaza in a brutal Israeli onslaught since October 2023. / Photo: AA / AA

ئىسرائىلىيە مىراس ئىشلىرى مىنىستىرى ئامىچاي ئېلىياخۇ دۈشەنبە كۈنى كېچىسى غەززەدىكى ئاشلىق ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلىش ۋە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئاچ قالدۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى. بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان غەززەگە قارشى ئەڭ يېڭى ئىغۋاگەرلىك باياناتلىرىدىن بىرى بولدى. 

ئەسەبىيلەرچە سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن تونۇلغان مىنىستىر ئېلىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ «7 – تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ھاماسنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلىشتا ھېچقانداق توسالغۇ يوق، ئۇلار ئاچ قېلىشى كېرەك، ئەگەر ھاياتىدىن ئەنسىرەيدىغان پۇقرالار بولسا، كۆچۈپ كېتىش پىلانىنى ئويلىشىشى كېرەك.» 

ئېلىياخۇ پەلەستىنلىك پۇقرالارنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق دېدى:

 «ئۇلارنىڭ شارائىتى قىيىنلاشقاندا، ھاماس ئۈچۈنمۇ قىيىنلىشىدۇ. ھاماسنىڭ يېقىلغۇ ۋە ئاشلىق ئامبارلىرىنى بومباردىمان قىلىشتا ھېچقانداق توسالغۇ يوق.»

ئېلىياخۇ  قاتتىق قوللوق  سىياسەت يۈرگۈزىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىرنىڭ ئەسەبىي ئوڭچىل يەھۇدىي كۈچى (ئوتزما يەھۇدىت) پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىدۇر. 

ئۇ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى كىرگۈزۈشنىڭ «يەھۇدى ئەخلاقى» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلارنى بېقىشىمىز شەرت ئەمەس» دېدى.

پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئەسەبىيلەرچە باياناتلارنى بېرىش بىلەن تونۇلغان ئېلىياخۇ، 2023-يىلى نويابىردا غەززەگە «يادرو بومبىسى» تاشلاشنىڭ «باشقىچە بىر خىل تاللاش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 

دۈشەنبە كۈنى بېن-گۋىر داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئاچ قالدۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزىنى قايتا تەكرارلىغان ئىدى.

 ئىسرائىلىيەنىڭ «14 – تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېن-گۋىر رايوننى يەرلىك ئاھالىسىنى سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق تازىلاش نىشانىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەگە كىرىشى كېرەك بولغان بىردىنبىر ياردەم پەقەت ئىختىيارىي يوسۇندا كۆچۈش مەقسىتىدە بولۇشى كېرەك» دېگەن ئىدى. 

ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆپ قېتىم غەززەنى «ئىگىلىۋېلىش» ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىنى باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، بۇ رايوننى ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى سۇنغانىدى. ئەرەب دۇنياسى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەر ترامپنىڭ بۇ پىلانىنى ئىرقىي تازىلاش پىلانى دەپ قاراپ رەت قىلدى. 

ئىسرائىلىيەنىڭ مۆلچەرلىرىگە كۆرە، غەززەدە ھېلىھەم 59 تۇتقۇن بار بولۇپ، بۇلاردىن 24 ى تىرىك دەپ قارالماقتا. پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا كۆرە، 9500 دىن كۆپ پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەدە قىيىن-قىستاق، ئاچلىق ۋە داۋالاش كەمچىللىكى قاتارلىق ئېغىر شارائىت ئاستىدا تۇتقۇنلۇقنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن. 

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇملىرىدا غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 52 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.   خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نويابىردا نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. 

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ياپونىيەنىڭ يېقىنقى ئاكتىپ دىپلوماتىيەسى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كېڭەيمەكتە
ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنىلا رەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە
ترامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈردى
بېلگىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فرانكېن: (تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى) مەن ئۈچۈن بىر ئۈلگە خاراكتېرىگە ئىگە
ھىندونېزىيە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يانار تاغ پارتلىشىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا سەھىيە ئورگىنى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنى «3-دەرىجىلىك» جىددىي ھالەت دەپ ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى