سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى قاماقتىكى تۈرك ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركېي، ئاۋام پالاتا ئەزاسى پرېسلېي ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرى، رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى (ICE) تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى قاماقتىكى تۈرك ئوقۇغۇچى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
In this image taken from security camera video, Rumeysa Ozturk, a 30-year-old doctoral student at Tufts University, is detained by Department of Homeland Security agents on a street in Sommerville, Mass., March 25, 2025. / AP
2025-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ئېد ماركېي، فۇلبرايت ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى ۋە ۋەقەگە «مىللىي نومۇس» شۇنداقلا ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە يۈز بەرگەن «مۇستەبىت» باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ باھا بەردى.

ماركېي، ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئاياننا پرېسلېي ۋە جىم مېكگوۋېرن بىلەن بىرلىكتە چارشەنبە كۈنى لۇئىزىئانا ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ نەزەربەند قىلىش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بوستون لوگان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردىقىلدى.

ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ئەزالىرى، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆزتۈرك ۋە پەلەستىنلىك ئامېرىكا پۇقراسى مەھمۇد خەلىل بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن لۇئىزىئاناغا بارغانىدى.

ئۆزتۈرك ئەيىبلەنمەستىنلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا

تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىدا بالىلار ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتى كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۆزتۈرك، 25-مارت كۈنى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ سومېرۋىللې شەھىرىدىكى ئىجارە ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ نىقابلىق خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ماركېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزتۈرك ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر جىنايى قىلمىش سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمىگەن، فېدېراتسىيە دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن

ماركېي مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزگە قورقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا يامان مۇئامىلە قىلىپتۇ. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇستەبىتلەرچە مۇئامىلە. بۇلار سىياسىي مەھبۇسلار، بىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنتايىن ۋەھىمىلىك ۋە خەتەرلىك دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.»

ئۇلار قانۇنغا خىلاپ، ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا تۇتۇلماقتا

ئاۋام پالاتا ئەزاسى پرېسلېيمۇ ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۆزتۈرك ۋە خەلىلنىڭ نەزەربەند قىلىنىشىنى «رەھىمسىز» ۋە «ئادالەتسىز» دەپ سۈپەتلىدى.  پرېسلېي، ھەر ئىككىسىنىڭ لۇئىزىئانادىكى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنلاردا «قانۇنغا خىلاپ، ۋەھشىي شارائىتتا» تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېسلېي، ئۆزتۈركنىڭ ھېچقانداق جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بولمىسىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان خەلىل بولسا، ئامېرىكادا تۇرۇش رۇخسىتى بار پەلەستىننى قوللىغۇچى بىر پائالىيەتچى ئىكەن. ئۇمۇ ھېچقانداق جىنايى قىلمىش سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمىگەن ۋە ئۇنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرۈش ئۈچۈن سۇنغان ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىش ئىلتىماسىمۇ رەت قىلىنغان.

پرېسلېي مۇنداق دېدى: «ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن پايدىلانغان بىرى. بۇ ئادالەت ئەمەس. بۇ سىياسىي مەيدانى ئۈچۈن جازالىنىشتۇر.»

ترامپ ھۆكۈمىتى كەم ئىجرا قىلىنىدىغان بىر قانۇن ماددىسىنى ئىشلەتمەكتە

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا، كىشىلەرنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا يول قويىدىغان، ئەمما ناھايىتى ئاز ئىجرا قىلىنىدىغان بىر كۆچمەنلەر قانۇنى ماددىسىنى يولغا قويماقتا. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ ماددىنىڭ تىنچ نامايىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دېلولىرىدا ئىشلىتىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئۆزتۈرك ۋە خەلىل ھەر ئىككىلىسى نەزەربەند قىلىش قارارىغا قارشى سوتتا كۈرەش قىلماقتا. ئۆزتۈركنىڭ ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى، تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1-تۈزىتىلمىسى تەرىپىدىن قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«كۈرەشنى توختاتمايمىز»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مېكگوۋېرن، بۇ نەزەربەند قىلىشلارنىڭ ھەم ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارارلارنى ئەيىبلىدى.
مېكگوۋېرن مۇنداق دېدى: «بۇ قىلمىش ئەخلاقسىز ھەم خاتا. ترامپ ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر بىز كۈرەشنى توختاتمايمىز.»

ئامېرىكا پالاتاسى ئەزالىرى يەنە، ھۆكۈمەتكە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش ۋە بۇ دېلولارنى ئاممىنىڭ ھەمدە پالاتانىڭ دىققىتىگە سۇنۇشقا ۋەدە بەردى.

ئىزدىنىڭ
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ