خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى يازغۇچىسى: پەلەستىنلىكلەر كەڭ كۆلەملىك جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىماقتا
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدە، سابىق تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمە ھاياتى جەريانىدا نومۇسقا تېگىش، تاياق يېيىش، جىنسىي زوراۋانلىق تەھدىتى ۋە خارلىنىش قاتارلىق قىلمىشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى يازغۇچىسى: پەلەستىنلىكلەر كەڭ كۆلەملىك جىنسىي خورلاشقا ئۇچرىماقتا
[ئارخىپ سۈرىتى] پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 10 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىڭلىغان كىشى ھېچقانداق ئەيىبلەش ياكى سوتسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. (AA)

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىر ئىستون يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ سابىق تۇتقۇنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ، پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى، ئەسكەرلىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە سوراقچىلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «پەلەستىنلىكلەرنىڭ نومۇسىغا تېگىشكە سۈكۈت قىلىش» ماۋزۇلۇق بۇ ئىستون ماقالىسىدە، يازغۇچى نىكولاس كىرىستوف ئىسرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى ۋە قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزگىلدە جىنسىي تەجاۋۇزچىلىق ۋە باشقا خورلاشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن 14 نەپەر پەلەستىنلىك ئەر-ئايال بىلەن زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نىكولاس كىرىستوف يازمىسىدا  گەرچە «ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ نومۇسقا تېگىش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق» دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بىرلىشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە ئالاقىدار تەييارلىغان بىر دوكلاتىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەلىك مەسئۇللارنىڭ «جىنسىي زوراۋانلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بىر خەۋپسىزلىك سىستېمىسى» بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە، سابىق تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدىكى نومۇسقا تېگىش، تاياق يېيىش، جىنسىي زوراۋانلىق تەھدىتىگە دۇچ كېلىش ۋە خارلىنىش قاتارلىق كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

كىرىستوف «ياۋروپا-ئاق دېڭىز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Euro-Med Human Rights Monitor)، «بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى» (Save the Children)، «بېتسېلېم» (B'Tselem) ۋە «مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىلارغا قارىتىلغان جىنسىي خورلاش ۋە ناچار مۇئامىلىلەر خاتىرىلەنگەن دوكلاتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرگە سىستېمىلىق ھالدا «جىنسىي قىيناش» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىگەن 49 بەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئىستون يازغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم سابىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ناچار مۇئامىلىلەرنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»