ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتەترامپ ھۆكۈمىتى ئەنقەرەنى ئونلىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى موتورى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان چوڭ تىپتىكى ھەربىي سېتىش پىلانىنى يولغا قويۇش قارارىنى چىقاردى.
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە / AA

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە 750 مىليون دوللار قىممىتىدىكى «F110» رېئاكتىپ موتورى سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت «General Electric» شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى دۆلەت ئىچىدە ياسالغان ئۇرۇش ئايروپىلانى قاغان (KAAN) نى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان موتورلارنى سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنى دۆلەت مەجلىسىگە بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «رايونلۇق مۇھىم بىر شېرىك» دەپ تەرىپلىگەن.

بۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دۆنالد ترامپنىڭ كېلەر ئايدا ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلۈۋاتقان ناتو باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، تۈركىيەگە نىسبەتەن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

سېتىش مۇساپىسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە نەتىجىلىنىشى ۋە ئارقىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەنىڭ «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە رېئاكتىپ موتورلىرىغا بولغان تەلىپى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنى «ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان» بىر قەدەمنى تاشلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپنىڭ 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئەنقەرەگە كېلىشى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س - 400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، 2019-يىلى ئەنقەرەنى «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانى پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ۋاشىنگتون «س - 400» سىستېمىسىنىڭ «F-35» لەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە ناتو سىستېمىسى بىلەن ماسلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە بولسا ئىككى سىستېما ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتىپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق بىر كومىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

ئەنقەرە يەنە «F-35» پىروگراممىسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىنى ۋە پىروگراممىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە «F-35» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پەقەت ئۆز مۇداپىئەسىنىلا ئەمەس، بەلكى ناتونىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 6 - ۋە 7 - نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇتتۇق
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق
19 دۆلەت كولومبىيەنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى ئەيىبلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان  پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مىرزىيويېۋانى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
نورۋېگىيەدىكى مانېۋىردا ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى
فىرانسىيەدىكى تاللا بازارلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى: مەھسۇلاتلار بۇزۇلدى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
خىتاي خاككېر جەنۇبىي كورېيە بانكىلىرىغا سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى
سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، ھەق بېرىدۇ