تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن <ئىسلامئاباد بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك> توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
ئەردوغان: تۈركىيە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ
ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئىسلاماباد بىلەن ھەمدەرد ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە «پاكىستانلىق شېھىتلەر» ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن تېلېفونلاشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان بىلەن شەرىف چارشەنبە كۈنى تېلېفونلىشىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك، 6-ماي كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھۆرمەتلىك ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ھەمدەردلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا شېھىت بولغان پاكىستانلىقلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.»

ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ پاكىستاننىڭ بۇ جەرياندىكى سالماق ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى يەنە پاكىستاننىڭ 22-ئاپرېل جاممۇ-كەشمىردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا مۇستەقىل، ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسلامئاباد چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ پاكىستان زېمىنى ۋە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا «چېگرا ھالقىپ ئېلىپ بارغان» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا كەم دېگەندە 26 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 46 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يېڭى دېھلى بولسا پاكىستاندىكى «تېررورلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى»گە زبەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى ئال نەھيان مىنىستىر خاقان فىداننى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ