ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلار 37.4 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە ھەققى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
براون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تۈرى ئىران ئۇرۇشىنىڭ 37 مىليارد دوللارلىق ھەيران قالارلىق ئىقتىسادىي چىقىمىنى ئاشكارىلىدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زىممىسىگە 37.4 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىگەن.

براۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (Brown University) «ئىران ئۇرۇشى ئېنېرگىيە چىقىمىنى كۆزىتىش» سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ھۇجۇم باشلىغان 28-فېۋرالدىن بۇيان، ئامېرىكا پۇقرالىرى 37.4 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە چىقىم قىلغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلار ھەر سېكۇنت بويىچە داۋاملىق ئېشىپ بارماقتا ئىكەن.

مەزكۇر قوشۇمچە چىقىمنىڭ زور بىر قىسمى، يەنى 20.41 مىليارد دوللىرى بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كەتكەن بولسا، دىزېل يېقىلغۇسىنىڭ چىقىمى تەخمىنەن 17 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئامېرىكادىكى ئوتتۇرىچە بىر ئائىلە بېنزىن ۋە دىزېل ئۈچۈن ئېيىغا قوشۇمچە 285.10 دوللار چىقىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تەتقىقات پىروگراممىسى مەسئۇلى جېف كولگان (Jeff Colgan) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ چىقىم بىۋاسىتە ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ يانچۇقىدىن چىقىۋاتىدۇ» دېدى.

ھورمۇز بوغۇزىدىكى قاتناش توسالغۇسى

ئۇرۇش ۋە ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش قارارى، يەر شارى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە ئامېرىكادا بىر گالون بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 4.52 دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى (ئۇ چاغدا 3 دوللاردىن تۆۋەن ئىدى) باھادىن %50 تىن كۆپرەك يۇقىرىدۇر.

ھورمۇز بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز قاتنىشى تۈگۈنلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بوغۇز قاتنىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئاللىبۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى تۈپەيلىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن رايوندىكى پورتلار، يۈك توشۇش مۇلازىمىتى ۋە يەر شارى تەمىنات زەنجىرىگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.

ئىران بوغۇزنى تاقاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھالقىلىق ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئىنتىقام خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ئارقىلىق، توقۇنۇشنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى