پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو خەتىرىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنىڭ رايونغا ئېلىپ كەلگەن خەۋپ – خەتەرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو خەتىرىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو خەتىرىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى / Anadolu Agency

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان  زوراۋانلىق دولقۇنىنىڭ رايونغا ۋە ياۋروپاغا كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو سىزىپ كېتىش ئېھتىماللىقى جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىران بىلەن يادرو كېلىشىلمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇش باسقۇچىنىڭ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە يۈزلەرچە تەھدىتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

 «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قوزغالغان زوراۋانلىق دولقۇنىنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرىغا چىققۇسى كۆچمەنلەر دولقۇنلىرى ۋە يادرو سىزىپ كېتىش جەھەتتىن ھەم رايوننى ھەم ياۋروپانى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇش باسقۇچىنىڭ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە يۈزلەرچە تەھدىتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - When the bombs come home: Israel’s outrage over hospital strike rings hollow

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ