خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (UAEA): ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملىرى توختىتىشى كېرەك» دېدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك / Reuters

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى رافائىل گروتسى، ئىراننىڭ بۇشەھر يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدا قايتا-قايتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ ئېغىر رادىئاتسىيەلىك ئاپەتكە سەۋەب بولۇش خەۋپى بارلىقىنى ۋە دەرھال توختىتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ باشلىقى، ئىراننىڭ بۇشەھر ئاتوم ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملارنىڭ «يادرو بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.

ئىراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە 1000 مېگاۋاتلىق رېئاكتورغا ئىگە بۇ ئەسلىھە، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان تۆت قېتىم ھۇجۇم نىشانى قىلىندى. شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى رافائىل گروتسى دۈشەنبە كۈنى X تە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىشلىتىلىۋاتقان ئىستانسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھۇجۇملارنىڭ «ئىراندا ۋە تېخىمۇ كەڭ رايوندا ئىنسانلار ۋە مۇھىت ئۈچۈن زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر رادىئاتسىيەلىك ۋەقەگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى» ئېيتتى.

يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (UAEA) ئەسلىھەنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمنىڭ ئەسلىھەگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ھۇجۇملار ئىستانسىغا زىيان يەتكۈزمىدى.

گروتسى ھۇجۇملارنىڭ بىرىنىڭ ئىستانسىنىڭ ئاران 75 مېتىر نېرىسىغا تەگكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «يادرو ئەسلىھەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ھەرگىزمۇ زەربە بېرىش نىشانى قىلىنماسلىقى كېرەك» دېدى.

يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بۇشەھر ئىراننىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان بىردىنبىر يادرو ئېنېرگىيە رېئاكتورى ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمدىن كېيىنلا ئىستانسىدىكى 198 ئىشچىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تەخمىنەن 100 نەپەر رۇسىيە خادىمىنىڭ ئىستانسىدا قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran says Bushehr nuclear plant hit in US-Israeli strike

 

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى